نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى جۇڭگو ئىقتىسادىغا پايدىلىق

خەلقئارادا نېفىت باھاسى يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان داۋاملىق چۈشۈپ، بىر نەچچە سودا كۈنىدە ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 50 دوللارغا يېقىن چۈشتى. تەھلىلچىلەر، ‹‹نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى كەلگۈسىدە يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن›› دېدى. بۇ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان نېفىت كۆپ ئىستېمال قىلىنىلىدىغان نۇرغۇن چوڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق.


2014 – يىلى ئىيۇندىكى ئەڭ يۇقىرى باھاغا سېلىشتۇرغاندا، خەلقئارادا نېفىت باھاسى يېرىم ھەسسىدىن كۆپرەك چۈشۈپ كەتتى. نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە ئاساسلىقى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى سەۋەب بولدى. بىر تەرەپتىن، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى چوڭ دۆلەتلەر نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلەتكەنلىكتىن، دۇنيادا نېفىتنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتتى؛ يەنە بىرتەرەپتىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى نېفىتقا بولغان ئېھتىياجنى بوغۇپ قويدى.

 

نېفىت باھاسى ھازىر بارغانسېرى چۈشمەكتە. لېكىن، دۇنيادىكى ئاساسلىق نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى رايونلار نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلمەكتە ياكى كۆپەيتمەكتە. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا ھازىركۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 9 مىليون تۇڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى. رۇسىيە دۇنيادىكى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىلمۇ 2014 – يىلىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. دۇنيا نېفىت بازىرىنىڭ ئۈچتىن بىر ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدىغانOPEC (نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى)مۇ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

 

تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ ئاشىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن سەل ئاستىلىغان بولسىمۇ، %7لىك ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئېيتقاندا يەنىلا يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ. سانائەت ھازىر ۋە كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق كۈچ. بۇ جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ياخشى ئىش. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ كارخانىلارنىڭ بېجىنى كېمەيتكەنلىك بىلەن باراۋەر بولۇپ، كارخانىلارنىڭ پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.



خەتكۈچلەر:
05-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek