يەرشارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: خەۋەر قىلىنىشىچە، تايلاند چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتى گۈرۈچ تولۇقلىمىسى دېلوسىنى «تارىختىكى ئەڭ چوڭ كۆز بويامچىلىق پىلانى» دېگەن.
ئېيتىلىشىچە، تايلاند چىرىكلىككە تۇرۇش كومىتېتى 22-يانۋار يەنە بىر قېتىم يىڭلۇكنى ئەيىبلەپ، گۈرۈچ تولۇقلىمىسىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۆزى بىر خاتالىق، نۇرغۇن شال دېھقانلىرى شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، دېدى. گۈرۈچ تولۇقلىمىسى پىلانى تايلاند تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۆز بويامچىلىق پىلانى بولۇپ، گەرچە ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قۇرغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەنىلا ئالدامچىلىق بويىچە ھەل قىلىنىپ، 500 مىليارد تايلاند باتى زىيان بولغان. ئىسكىلاتتىكى كۆكۈرۈپ قالغان گۈرۈچتىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىياننى قوشقاندا چوقۇم 50 يىلدىن كېيىن بۇ قەرزلەرنى تۆلىگىلى بولىدىكەن.
يۇقىرىقى شىكايەتكە قارىتا تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلۇك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ياخشى ئادەمگە ئۇۋال قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. يىڭلۇك مۇنداق دېگەن: تايلاند چىرىكلىككە تۇرۇش كومىتېتى ئۆكتىچىلەر تەمىنلىگەن پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ.
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند ئەدلىيە تارماقلىرى شۇ جاي ۋاقتى 23-يانۋار سابىق زۇڭلى يىڭلۇكنىڭ گۈرۈچ تولۇقلىما پىلانى سەۋەبىدىن خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved