جۇڭگو ئاخبارات تورى، 16-مارت تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ‹‹ ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 16-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركمەنىستان دۆلىتى گۈزەل قىزلار كۆپ دۆلەت بولۇپ، ھەر يىلىدىكى چوڭ بايرام ۋە چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەردە مىللىيچە كىيىنگەن گۈزەل قىز-ئاياللار ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدۇ.
تۈركمەنىستاندا ئەر-ئاياللار باراۋەر بولۇپ، ‹‹ نوپۇزلۇق يىغىن ›› لاردا ئايال ۋەكىللەر بار، ئىچكى كابېنتتا ئايال مىنىستىرلار بار، ئارمىيەدىمۇ ئايال قوماندانلار بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى تۈركمەنىستان پارلامېنتىنىڭ رەئىسى نۇربېردىيېۋا (Nurberdyeva).
بۇ دۆلەتتە نوپۇس بىر قەدەر ئاز بولغانلىقتىن، دۆلەت ئاياللارنى قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، چەت ئەللىكلەر تۈركمەنىستان قىز-ئاياللىرىنى ئەمرىگە ئالماقچى بولسا 45 مىڭ دوللار شېرىن ئاي بېجى تاپشۇرىدىكەن.
تۈركمەنىستان قىزلىرى چېچىنى ئىككى تال ئۆرۈپ، بېشىغا دوپپا كىيىۋالىدۇ، ياتلىق بولغانلىرى بېشىغا ياغلىق ئارتىۋالىدۇ. بىراق توي قىلغان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياغلىق ئارتىۋېلىشى ناتايىن. تۈركمەنىستاندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قىزلىرى يېشىل كۆينەكنى مەكتەپ فورمىسى قىلغان، ئالىي مەكتەپ قىزلىرى قىزىل كۆينەكنى مەكتەپ فورمىسى قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved