ئېرۇسالىم شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر باياناتچىسى 1-ئاپرېل شىنخۇا ئاگېنتىلىقى مۇخبىرىغا، ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي ئېرۇسالىمدا ئەرەپلەر ئۈچۈن يېڭىدىن 2200 يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي سېلىشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
بۇ پىلاندىكى تۇرالغۇ رايونى ئىسرائىلىيە 1967-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، شەرقىي ئېرۇسالىمدا ئەرەپلەر ئۈچۈن قۇرغان تۇرالغۇ رايونى ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ ھېسابلانغان.
تەستىقلانغان بۇ تۈر ئاھالىلەر تۇرالغۇ ئۆيى، مەكتەپ، سودا مەركىزى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بولۇپ، يەر كۆلىمى تەخمىنەن 375 مو كېلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved