جۇڭگو رادىيو ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شىرناك ۋىلايىتىدە، ھۆكۈمەتكە قارشى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىر ساقچى ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلغان، 2 ساقچى قازا قىلغان، 10 ساقچى يارىدار بولغان.
كۇرد قوراللىق ئۇنسۇرلىرى راكېتا بومبا بىلەن ساقچى ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلغان. تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە ساقچىلىرى قېچىپ يۈرۈۋاتقان قوراللىق ئۇنسۇرلارنى قوغلاۋېتىپتۇ.
1-ئاينىڭ 17-كۈنى، بىر ساقچى ماشىنىسى شىرناك ۋىلايىتىدە كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ تىزگىنەكلىك مىنا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 7 ئادەم يارىدار بولغان
تۈركىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇيان تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ شەرقىي جەنۇب رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قىلىپ، كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىدىن جەمئىي 554 ئادەمنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved