ئەنگىلىيە «ئەينەك گېزىتى» نىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھىندىستاننىڭ دېھلى كوچىلىرىدا ، ئاتالمىش چەكمە «سەنئەتكارلىرىنى» كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن ، ئۇلار ئەرزان باھا بىلەن خېرىدارلارنى قىزىقتۇرىدىكەن . نۇرغۇنلىغان ياشلار قىز دوستى ياكى ئوغۇل دوستىنىڭ ئىسمىنى بەدىنىگە چېكىشنى رومانتىكنىڭ سىمۋوۋلى دەپ بىلىپ ، تازلىق شارائىتىغا پىسەنت قىلماي، كوچىلاردا بەدىنىگە چەكمە چېكىدىكەن.
بىر ئاددىي چەكمىنى كەسپىي چەكمەخانىلاردا نەچچە يۈز فوندستېرلىڭغا چەكسە، كوچا چەكمىچىلىرى پەقەت 50 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 500 يۈەن خەلق پۇلى) غا چېكىدىكەن ، شۇڭا كۆپلىگەن پۇلى يوق ئەمما رومانتىكىغا باي ياشلار كوچىلاردا چەكمە چەكتۈرۈشنى تاللايدىكەن . كوچا چەكمىچىلىرىدە كەسپىي دېزىنفېكسىيەلەش ئەسۋابلىرى بولمايدىكەن ، بەزىلىرى ھەتتا تېرىگە زىيانلىق بولغان ئاكرىلىك كىسلاتا بوياقلىرىنى ئاشكارا ئىشلىتىدىكەن، بۇنداق ئەھۋالدا خېرىدارلار باكتېرىيە ياكى ئەيدىز بىلەن يوقۇملىنىپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
رامېش كۇمارنىڭ كوچىدا چەكمىچىلىك قىلغىۋاتقىنىغا تۆت يىل بولغان . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە خېرىدارلار ئاساسەن ياشلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ، كۆپىنچىسى لايىقىنىڭ ئىسمىنى بەدىنىگە چېكىشنى تەلەپ قىلىدىكەن ، بەزىلىرى ئىلاھلارنىڭ سۈرىتىنى چەكتۈرسە، يەنە بەزىلىرى غەيرىي شەكىلىلەرنى چەكتۈرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، كوچىدا چەكمە چېكىش قانۇنغا خىلاپ بولغاچقا ، چەكمىچىلەر ئېلىپ مېڭىشقا ئەپلىك ئەسۋابلارنى ئىشلىتىدىكەن. چۈنكى ساقچىلار تەكشۈرگەندە، قېچىشقا ئەپلىك بولىدىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نامى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved