1.شەخسىي ماتېرىيالنىڭ ئوغرىلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كىرېدىت كارتىسى بېجىرگەندە، باشقىلارغا ياكى ۋاسىتىچى ئورگانلارغا ۋاكالىتەن بېجىرگۈزمەي، ئۆزى بىۋاسىتە بانكىغا بېرىپ بېجىرىش كېرەك.
2. كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن كىرېدىت كارتىسى بېجىرگەندە، كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا ‹‹xx بانكىسىنىڭ كىرېدىت كارتىسىنى بېجىرىمەن›› دەپ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنىڭ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
3 .ئۆزىنى بانكا خادىمى دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەرنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندا، قارشى تەرەپ كىرېدىت كارتا نومۇرى، بانكا ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى سورىغاندا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
4.كىملىك ۋە كىرېدىت كارتىسىنى باشقىلارغا بېرىپ تۇرماسلىق كېرەك، بانكا كارتا نومۇرى ۋە كارتىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتىنى ئاشكارىلىماسلىق، يېڭى كارتا ۋە مەخپىي نومۇر سېلىنغان كونۋېرتنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئاۋۋال مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتىش، كارتىنى ئىشلەتكەندە كارتىنىڭ يىتىپ كېتىش ياكى ئوغرىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كارتا بىلەن مەخپىي نومۇرنى ئايرىم ساقلاش كېرەك.
5. ئەگەر قانۇنسىز ۋاسىتىچىلىك شىركەتلىرىنى بايقاپ قالغاندا، دەرھال بانكا مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە ياكى ‹‹110››غا تېلېفون قىلىپ دېلو مەلۇم قىلىش كېرەك.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved