بانان ئائىلىلەردە كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان مېۋە، باناننىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسىمۇ كۆپ، لېكىن پىشمىغان بانان بەدەندە ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
پىشمىغان باناننىڭ سىرتقى پوستى يېشىل بولىدۇ، پوستىنى سويۇۋەتكەندىن كېيىن خېلى ۋاقىت چاينىسىمۇ، ئاسانلىقچە يۇتقىلى بولمايدۇ. پىشقان باناندا قاڭسىق پۇراق بولمايدۇ، يۇمشاق ھەم تاتلىق بولىدۇ. بانان ئىسسىق بەلباغ مېۋىسى بولغاچقا، ساقلاشقا ۋە توشۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن بانان خاملا ئۈزۈۋېلىنىپ ئامبارلاردا ساقلىنىدۇ. پىشمىغان باناننىڭ تەمى قىرتاق بولۇپ، تەركىبىدە تاننىك كىسلاتاسى بولىدۇ. تاننىك كىسلاتاسىنىڭ يىغىش رولى كۈچلۈك، ئۇ چوڭ تەرەتنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، قەۋزىيەت پەيدا قىلىدۇ. ئەڭ تىپىك مىسالى، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ بەزىلىرى بانان يېگەندىن كېيىن، ئىچى كېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قەۋزىيەت تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved