ئۈلۈشكۈن يېرىم كېچىدە پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى كاراچىدىكى جىنناھ خەلقئارا ئايرودورومى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ 29 كىشى قازا قىلدى، 26 كىشى يارىدار بولدى. يېقىندا ئارقا ئارقىدىن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە قارا كۆلەڭگە پەيدا قىلدى، پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىپلىدى ھەمدە ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملارنىڭ ھەرىكەتتە كۆرسەتكەن ئىپادىسىگە ئاپىرىن ئەيتتى، ھۈسەيىن: تېررورلۇق ھۇجۇمى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ دەپ تەكىتلىدى.
8-ئىيۇندىكى ئايرودورومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن پاكىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق قوراللىق تەشكىلات « پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى» ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ تەشكىلات مۇنۇلارنى بىلدۈردى؛ بۇ پەقەتلا باشلىنىش، كاراچى ئايرودورومىغا ھۇجۇم قىلىش پاكسىتان ھۆكۈمىتىگە پاكىستان تالىبان تەشكىلاتىنىڭ ئۆز ئەزالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈندۇر، بۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى پاكىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى قوراللىق ئۇنسۇرلار بېكىنىۋالغان شىمالىي ۋەزىرىستان قەبىلە رايونىغا قارىتا تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بىرقانچە ئون كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى، پاكىستان تالىبان ھەركىتىنىڭ باياناتچىسى ساھىد بىز خېلى بۇرۇنلا بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پىلانلىغان ئىدۇق دېدى، ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئارىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىغا سۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇ تاراتقۇلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئايرودورومغا ھۇجۇم قىلىش مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كاتتىۋېشى ماخسۇدنىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئادەمسىز ئايروپىلانى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈندۇر.
پاكىستاندىكى ئالاقىدار تارماقلار 9-ئىيۇن زۇڭلى شېرىفكە بۇ ۋەقە ھەققىدە دوكلات سۇندى، شېرىف شۇ جايدىكى بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا تېلېفون بېرىپ، ئايرودورومدىكى يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش، ئايرودورومنىڭ نورمال تەرتىۋىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن بىلەن پاكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نىسال ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىپلىدى ھەمدە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ قەھرىمانلىق ئىپادىسىگە ئاپىرىن ئەيتتى، ھۈسەيىن: تېررورلۇق ھۇجۇمى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ دەپ تەكىتلىدى، خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 12 سائەتتىن كېيىن، ئايرودورومدىكى بارلىق قوراللىق ئۇنسۇرلار ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، بىخەتەرلىك ساقلاش خادىملىرى نەق مەيداندىن نۇرغۇن راكىتا قويۇپ بەرگۈچ، ئۆزىنى قوشۇپ ئۆلتۈرۈش جىلىتكىسى، بېنزىن ئوق، ئاپتومات قاتارلىقلارنى تاپقان، نۆۋەتتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئايرودوروم يېڭىباشتىن سىرتقا ئېچىۋېتىلدى.
كاراچى پاكىستاندىكى بىرىنچى چوڭ شەھەر، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئاۋىياتسىيە پورتى ۋە ئىقتىساد مەركىزى، ئۇزاقتىن بۇيان، كاراچى تېررورچى كۈچلەر، ئەسەبىي دىنى كۈچلەر ۋە قانۇنسىز قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بىخەتەرلىك ئەھۋالى ياخشى بولماي كەلدى، پاكىستاندا چىقىدىغان« تېز مۇنبەر گېزىتى»دە خەۋەر قىلىنىشچە، 2008-يىلدىن بۇيان، پاكىستان ئاخبارات ئاپپاراتلىرى كۆپ قېتىم كاراچى ئايرودورومىغا بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى بەرگەن، بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن، ئىسلامئابادنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بېنازىر بوتتو خەلقائارا ئايرودورومى ۋە پاكىستاندىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر لاخۇردىكى خەلقئارا ئايرودوروم ئەڭ يۇقۇرى قىزىل رەڭلىك بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئەتراپقا نۇرغۇن ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنى قويدى.
شېرىف ئۆتكەن يىلى تەختكە چىققاندىن بۇيان، پاكىستان تالىبان تەشكىلاتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىپ، پاكسىتاندىكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەل قىلىش لايىھەسى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى، گەرچە بۇنىڭدىن ئىلگىرى پاكسىتان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ھەمدە 40 كۈن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولسىمۇ ئەمما تىنچلىق سۆھبىتى يېقىندىن بۇيان قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پاكىستان تالىبان ھەركىتى ئىچىدە گۇرۇھلار كۆپ، ئاساسلىق ئۇرۇش قىلىش گۇرۇھى بىلەن تىنچ ھەل قىلىش گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كەسكىن، ئۇلارنىڭ كاتتىۋىشى مەخسۇت ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان فەيزۇللاھ ھەرقايسى گۇرۇھتىكى كۈچلەرنى كونترول قىلالمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە فەيزۇللاھ ئۆزىمۇ قاتتىق قول تەرەپدارى، ئۇ ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قارشى، شۇڭا بۇ قېتىمقى ئايرودورومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ مەقسىتى ھۆكۈمەت بىلەن تالىبان تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن.
پاكىستاندىكى سىياسەت تەھلىلچىسى سۇلتان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستاندا يېقىندا تېررورلۇق ھۇجۇمى كۆپ يۈز بېرىپ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يامانلاشتى، پايتەخت ئىسلامئاباددىلا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كۆپ قېتىم پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى، ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ناھايىتى زور دەرىجىدە يۈزەكىلىك مەۋجۇد بولۇپ، قايەردە ھۇجۇم بولسا قىسقا ۋاقىتتا شۇ يەرنىڭلا مۇداپىئەسى كۈچەيتىلىپ، مەنبىيىدىن يوقۇتۇشقا سەل قارالماقتا.
پاكسىتان ئىسلامئاباد ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى راخمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستاننىڭ نۆۋەتتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئىلگىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بەزى يېڭى ئالاھىلىكلەر مەۋجۇد يەنى تېررورلۇق ھۇجۇمى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلىدى، ئىچكى قىسىمدىكى ئالاقە تورى تېخىمۇ مەخپى بولدى، ھوجۇم ناھايتى تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش قىيىنغا توختىدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشكە قاراپ ئۆزگىرىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا پاكىستان ھۆكۈمىتى قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك كونكېرىت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرى تۈزۈپ، مەنبىيىدىن ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە تىنچلىق سۆھبىتى بىلەن زەربە بېرىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشى كېرەك.
ئەمەلىيەتتە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرىدە يېقىندا ئۆزگىرىش بولۇپ، قانۇن قاتلىمىدىن تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش كۈچى ئاشۇرۇلدى، پاكسىتان خەلق پارلامېنتى 6-ئىيۇن ئىسلامئاباددا 2014-يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسىنى ماقۇللىدى، بۇ قانۇن لايىھەسى پاكىستاندىكى تېررورچى تەشكىلات ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ تېررورلۇق ۋە پۇل يۇيۇش قاتارلىق قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىشىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشكە پايدىلىق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved