يەر شارى خەۋەر تورى 11-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمسى: سۇرىيە ئۆكتىچىلەر ۋە ئىنقىلابى كۈچلەر مىللىي ئىتتىپاقى دائىمى ھەيئىتى، ئىستانبۇلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۇرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستافىن مىستۇرانىڭ باشچىلىقىدىكى جەنۋەدىكى سۇرىيە مەسلىھەت ئۇچرىشىشى بىلەن كىلەر ھەپتە ئۆتكۈزىلىدىغان قاھىرەدىكى يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سۇرىيە ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى باش كاتىبى يەھيا مەكتەبى مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە، جەنۋە يىغىنىغا قاتناشماسلىق سەۋەبى «مىستۇرا ۋە ب د ت ھەيئىتىنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتى تەرەپدارى بولغانلىقى، سۇرىيە ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقىغا ئادەتتىكى ئۆكتچى گۇرۇپ سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ب د ت نىڭ سۇرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستافىن مىستۇرا ئۆتكەن ھەپتە سۇرىيەلىك تەرەپلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇچرىشىشتا سۇرىيە ھۆكۈمىتىدىن باشقا 40 تىن ئارتۇق سۇرىيەلىك گۇرۇپپىلار بىلەن 20 گە يېقىن رايۇنلۇق شەخسلەرنى تەكلىپ قىلغان، بۇلارنىڭ ئارىسىدا سۇرىيەگە قوشنا ئەللەر، ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ئەزا دۆلەتلىرىمۇ بار. بۇ ئۇچرىشىشنىڭ 4~6 ھەپتە داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved