3-ئىيۇن كورېيە سېئولدىكى سودا رايونىدا بىر قىز ماسكا تاقاپ ماڭماقتا
جۇڭگو ئاخبارات تورى، 9-ئىيۇن تېلېگراممىسى: كورېيە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 9-ئىيۇن بىلدۈرۈشىچە، كورېيەدە ئوتتۇرا شەرق نەپەس ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى(MERS) تۈپەيلى ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ سانى 2892گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 225 ئادەم نۆۋەتتە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ.
مەزكۇر تارماقنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دېئاگنوز قويۇلغان 95 بىمار ئارىسىدىكى توققۇز بىمارنىڭ ئەھۋالى تۇراقلىق بولمىغان، يەنە بىر بىمار پۈتۈنلەي ساقايغان.
ئىگىلىنىشىچە، زۇڭتۇڭ پارك گۇنخاي داۋالاش تارماقلىرىدىن بىمارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاپ ساقايتىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، كورېيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنى پۈتۈنلەي ھەقسىز داۋالايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved