ئىراق بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ خەۋەردار ئەربابى 2-نويابىر مۇنداق دېدى: «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي قۇراللىق خادىملىرى شۇ كۈنى ئىراقنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئەنبار ئۆلكىسىدە شۇ يەردىكى 67 كىشىنى قىرغىن قىلدى.
بۇ خەۋەردە ئەرباب مۇنداق دېدى: ئىلگىرى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا قارشى تۇرغان ئەرىپ نىمار قەبىلە خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇرالغۇسىدىن باغدادقا تەخمىنەن 200 كىلومېتىر كېلىدىغان سەرسار بازىرىغا قېچىپ بارغاندا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» قۇراللىق خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان بولۇپ، بۇ قەبىلىدىكى 67 ئەر ئارقىدىن قۇراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان.
يېقىندا، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ قۇراللىق خادىملىرى ئەنبار ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى، نۆۋەتتە بۇ ئۆلكىنىڭ %80 زېمىنى كونترول قىلدى ھەمدە باغدادقا قاراپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىمەكچى بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved