چۇشىيۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىكى كورىيە ئۆمەك باشلىقى كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى تىنىچ سۆزلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جىنكۇڭ شۇ يەر ۋاقتى 5-دېكابىر سىئولدا زىيارەتكە كەلگەن ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئامېرىكا تەرەپ ئۆمەك باشلىقى ،ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى شەرقىي ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى قوشۇمچە چاۋشىيەن سىياسىتى پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى كىم سۇڭ بىلەن كۆرۈشتى .ئىككى تەرەپ چاۋشىيەن ۋە چاۋشىيەن يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى .
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ كورىيە ئامېرىكا ئۆمەك باشلىقلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى ۋە چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن نىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى سۈي جۇڭخەينىڭ روسىيەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتى ئىكەن .ئىككى تەرەپ بۇندىن كېينكى چاۋشىيەنگە قارىتىلغان سىياسەتلەر .ئۈستىدە ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى .ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئامېرىكا تەرەپ ئۆمەك باشلىقى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى شەرقىي ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىشلىرى مىنىستىرى قۇشۇمچە چاۋشىيەن سىياسىتى پەۋقۇلئاددە ۋەكىلى كىم سۇڭ سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاراتقۇلارغا چاۋشيەننىڭ يادروسىزلاشتۇرۇشنى سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرمەي تۇرۇپ چاۋشىيەن يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى تۈزۈلۈشنى قايتا باشلاش ئاقىلانىسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .ئۇ چاۋشيەننىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىرادىسىنى دەلىللىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى .
كىم سۇڭ ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە شەخسى يوللار ئارقىلىق چاۋشىيەن بىلەن سەمىمىي ماھىيەتلىك سۆزلىشىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە ئىشىكىنى كەڭ ئېچىۋەتكەنلىكى ،لېكىن چاۋشيەننىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسىنىڭ سوغۇق بولغانلىقىنى بىلدۈردى .ئۇ ئامېرىكىنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىۋاتقانلىقىنى ،ئەمما چاۋشيەننىڭ نىڭغا قاتنىشىش سەمىمىيىتى بولمىسا نەتىجە ھاسىل قىلىشنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى .
چاۋشىيەن: چاۋشىيەن ئەزەلدىن «دۇنيادىكى ئەڭ چەكمىلىككە تولغان دۆلەت» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە، ھۆكۈمەت ئەڭ زور چەكتە ئۇچۇرنىڭ ئەركىن ئالمىشىشىنى چەكلەپ كەلمەكتە. چاۋشىيەندە نەچچە مىليونلىغان خەلق ئاچارچىلىق تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا، نەچچە مىڭلىغا ئادەم تۈرمىدە خورلانماقتا. چاۋشىيەننىڭ ھەربىيلىشىشى شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىۋاتقان يادرو قوراللىرى پىلانى دۆلەتنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى تىنچلىق كۆرسەتكۈچىنى كېمەيتمەكتە.
چاۋشىيەن تاراتقۇلىرى10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامىرىكا تاراتقۇلىرنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەپ خەۋەر بەردى، ئىسرائىلىيە ئاخپارات مىنىستىرى شىتەنىس مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن: بىزنىڭ قارشىمىزچە ئۆتكەن نەچچە يىلدىن بۇيان ئىران چاۋشىيەننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن زور مىقداردا پۇل بىلەن تەمىنلىگەن،ھەمدە چاۋشىيەن ئىراننى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى ۋە تەتقىق قىلغۇچى خادىم بىلەن تەمىنلىگەن.شىتەنىس 10-ئاينىڭ 20-كۈنى دۆلەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخپارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن: ئىران ئىزچىل تۈردە چاۋشىيەن تەرەپتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەسپى خادىم قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن.
بۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىران چاۋشىيەنگە يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مالىيە جەھەتتىن ياردەم قىلغان.ئىگىلىنىشچە، شىتەنىس ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانياخۇنىڭ يېقىن ئىشەنچىلىك ئادىمى بۇلۇپ،ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە ئاخپارات تارمىقى مۇساد قاتارلىق ئاخپارات ئورگانلىرىنىڭ باش مەسئۇلى ئىكەن.شىتەنىس يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: چاۋشىيەن بىلەن خەلىقئارا جەمىئەت ئۆتكەن نەچچە يىلدىن بۇيان سۆھپەت ئېلىپ بېرىپ بارغان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا چاشىيەننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشىنى تۇسىيالمىدى.ئىرانمۇ چاۋشىيەنگە ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ خەلىقئارا جەمىئەتنىڭ ئۇنىڭغا قاراتقان ھەرخىل جازالىرىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بۇلىۋاتىدۇ.
كورىيەبىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارغاندا كورىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى خەنمىنچۇ27-ئۆكتەبىردىكى دۆلەت مەجلىسىدە دۇلەت مۇداپىيە كومىتېتى ئۆتكۇزگەن ھۇكىمەت ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا («ئۇچار پاچاق »ناملىق باشقۇرۇلدىغان بومبىغا يادرو ئوقبىشى سەپلىگىلى بۇلامدۇ يوق )دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندە مۇنداق دىدى ،چاۋشىيەن ئاللىقاچان ئۈچ قىتىملىق يادرو سىنىقى ئېلىپ باردى ،بىرىنجى قىتىملىق يادرو سىنىقىدىن ھازىرغىچەخىلى ئۇزۇن ۋاقىت ئوتتى . شۇنىڭ ئۇچۇن ھەربىي تەرەپ چاۋشىيەننىڭ يادرو قۇرالى تېخنىكىللىرى ئاللىقاچان يۇقىرى سەۋيىگە يەتتى دەپ قارايدۇ.كورىيە ھەربىي تەرەپنىڭ ئاخبارات ئېدارىسىنىڭ ئانالىزىغا قارغاندا چاۋشىيەن 2010-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئەڭ كۆپ بولغان 40كىلوگىرام قۇيۇقلاندۇرلغان ئۇران ئېشلەپچىقىرالايدۇ ،بىر تال ئۇرانوپىلىت ئۇقى ياساش ئۈچۈن 15-20كىلوگىرامغىچەقۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇران كىتىدۇ ،نەزىريە جەھەتتىن ئىلىپ ئىيىتقاندا چاۋشىيەن يىلدا 2دانە ئۇرانوپىلىت ئۇقى ياسىيالايدۇ ، خەنمىنچۇيەنە چاۋشىيەننىڭ كۆپ ئوق بىشى ئىلىپ يۇرەلەيدىغان باشقۇرۇلدىغان بومباتەتقىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ ،لىكىن بۇنداق ئىھتىماللىقنى يۇققا چىقارغىلىمۇ بولمايدۇ دىدى ،
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved