مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

       شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-يانۋار تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 26-يانۋار چۈشتىن كېيىن مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تەمىناتنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات لايىھەسى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى، ئورمان ئېكولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

      يىغىندا، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش، ئامبار زاپىسىنى ئازايتىش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى ئازايتىش، يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش جەھەتتىكى سەككىز خىزمەت لايىھە تەپەككۇرى ھەققىدىكى دوكلاتى ئايرىم-ئايرىم ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلان پىروگراممىسى ھەققىدىكى دوكلاتى، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئورمان ئېكولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بۇلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خىزمەت لايىھەسىنى ياخشى ئىشلەشتە، بىرىنچىدىن، ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، ھازىرقى ھالەت قانداق دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي سانلىق مەلۇماتنى ياخشى ھېسابلاپ، ئىنچىكە تەتقىقاتقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى توغرا، ئېنىق ئىگىلەپ، كۆڭۈلدە سان تۇرغۇزۇپ، مەقسەتلىك ئىش قىلىش؛ ئىككىنچىدىن، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۆنىلىش ۋە نىشاننىڭ نېمىلىكىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ۋاسىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، نېمە ئىش بولسا، شۇ ئىش ئۈستىدە توختىلىش، ھەتتا باش-ئايىغىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش؛ ئۈچىنچىدىن، ۋەزىپىنى كونكرېت قىلىپ، زادى نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى كونكرېتلاشتۇرۇش، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە قىلىش؛ تۆتىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلغىلى، تەكشۈرگىلى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان قىلىش؛ بەشىنچىدىن، تەدبىرنى چىڭىتىپ، قانداق قىلىش، قانداق سىياسەت، تەدبىر بىلەن بېجىرىش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسەت، تەدبىرنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك قوللىنىپ، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە قىلىپ، يەرلىك بىلەن ئالاقىدار تارماقلارغا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

      شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دەرياسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھاياتلىق دەرياسى. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، ئىدىيەنى ئىلغارلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىغا ئالاقىدار بارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، بىرلىكتە كۈچلۈك قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق لازىم. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشقىلا بولىدۇكى، ناچارلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئامىللارنىڭ رايون ئىچىدىكى يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاش دەرىجىسى ۋە بىر پۈتۈنلۈك، تەڭكەشلىك، سىجىللىقنى كۈچەيتىپ، ئامىل سەپلەشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ چاڭجياڭ ئالتۇن سۇ يولىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا يېشىل، ئايلانما، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ كۈچلۈك تۈرتكە بولۇشتا، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئورمان-دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. دۆلەت زېمىنىنى يېشىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئومۇمىي خەلق خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش؛ ئورماننىڭ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، قوغداشنى ئالدىنغا ئورۇنغا قويۇش، تەبىئەتنى ئوڭشاشنى ئاساس قىلىش، سان بىلەن سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، سۈپەتنى ئالدىغا قويۇش، تاغلارنى قاشالاپ ئورمان ئەھيا قىلىش، سۈنئىي ئورمان ئەھيا قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش؛ تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاشالاشقا مۇۋاپىقلىرىنى قاشالاپ، ئورمان ئەھيا قىلىشقا مۇۋاپىق يەرلەردە ئورمان ئەھيا قىلىپ، ئورمانغا باپ كېلىدىغان يەرلەرنى ئورمانلاشتۇرۇپ، سۇغىرىشقا مۇۋاپىق يەرلەرنى سۇغىرىپ، ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈشكە تېگىشلىك يەرلەردە ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈپ، ئورماننىڭ سۈپىتىنى دەل جايىدا ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش؛ يېشىل شەھەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، شەھەر ئىچىنى ياخشى كۆكەرتىپ، شەھەرلەردىكى كۆكەرتىشكە مۇۋاپىق يەرلەرنى كۆكەرتىش؛ شەھەر ئەتراپىنى ياخشى كۆكەرتىپ، تېرىلغۇغا باپ كەلمەيدىغان يەرلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۆكەرتىش، ئورمان ئەھيا قىلىش؛ شەھەرلەر توپىنى ياخشى كۆكەرتىپ، شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئېكولوگىيە ماكانىنى كېڭەيتىش؛ دۆلەت باغچىلىرىنى تېرىشىپ قۇرۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىيلىكى ۋە مۇكەممەللىكىنى قوغداپ، ئەۋلادلارغا بىر قىسىم تەبىئەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇش؛ دۆلەت باغچىسىنى بىرىكتۈرۈپ قۇرۇپ، ئەتىۋارلىق، يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلارنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش؛ دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداشنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئالاقىدار، نىزاملارنى تېخىمۇ قاراتمىلىق تۈزۈش ياكى تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك. 



خەتكۈچلەر:
28-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek