12- ئاينىڭ 18- كۈنى دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 11- ئايدىكى تۇرالغۇ ئۆي باھا ئۆزگۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 11- ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرالغۇ ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆسكەن بولۇپ، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى ئولتۇراق ئۆي باھاسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 4- ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆسۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا، 11- ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆينىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆسكەن، ئەمما بۇ باھا يەنىلا ئۆتكەن يىلى 11- ئايدىكىدىن %2.4 تۆۋەن بولغان. نىمكەش ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.3 ئۆسكەن، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئۆسكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدە نىمكەش ئۆي باھاسى ئۆتكەن يىلى 4- ئايدىن باشلاپ ئۆسۈشكە باشلىدى ۋە شۇنىڭدىن بۇيان ئۇدا سەككىز ئاي ئۆستى ھەمدە ئۇدا ئۈچ ئاي قوش ئۆسۈش بارلىققا كەلدى.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved