ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلەن تۇنجى قېتىم ھاۋادا ماي قاچىلاش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى».
تەجرىبە جەريانىدا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى كونتىرول سۇپىسىدىكى كومپيۇتېر ئارقىلىق ماي قاچىلاش تۇرۇبىسىنى كونترول قىلىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا كالىفورنىيە شتاتى ئىدۋاردىس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن كۆتۈرۈلگەن F16C تىپلىق رېئاكتىپ جەڭ ئايروپىلانىغا يېقىلغۇ يەتكۈزۈپ بەرگەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، 2017-يىلى 8-ئايغىچە ياسىغۇچى تەرەپ بوئىن شىركىتى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تۇنجى تۈركۈمدىكى 18 دانە «دۇلدۇل»- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ دانە «دۇلدۇل»-KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى ياپونىيە ئاۋىياتسىيە قوغدىنىش ئەترىتىگە سېتىپ بېرىلىدىكەن.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
![]() |
دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved