جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىنى تەمىنلىگەن 2-تۈركۈمدىكى ئومۇمىي قىممىتى 20 مىليون يۈەنلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشياسى 25-يانۋار پاكىستان پايتەختى ئىسلام ئابادغا يەتكۈزۈلدى.جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شۇن ۋىيۇدوڭ، پاكىستان دۆلەت ئاپەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەئىسى ئاسجار ناۋاز ماددىي ئەشيالارنى تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ماددىي ئەشيالارنى تاپشۇرۇپ بېرىش گۇۋاھنامىسىغا ئىمزا قويدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ 1- تۈركۈمدىكى قىممىتى 10 مىليون يۈەنلىك ياردەم بېرىلگەن ماددىي ئەشياسى ئۆتكەن يىلى نويابىردا پاكىستان تەرەپكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى. نۆۋەتتە 2-تۈركۈمدىكى ياردەم بېرىش ماددىي ئەشياسى يەتكۈزۈلدى، بۇ كاپار پۇشتۇ ئۆلكىسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالارنىڭ قىشتىن ئۆتىشىگە ياردەم بېرىلىدۇ. 2015-يىلى 26-ئۆكتەبىر، پاكىستاندا قاتتىق يەر تەۋرەپ، 300 كىشى قازا قىلدى، تەخمىنەن 1800 كىشى يارىلاندى، 100 مىڭ ئېغىزدىن كۆپرەك ئۆي زەخىمگە ئۇچرىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved