پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچ سائەت 19:45 ئۆتكەندە جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 6-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىنىڭ ئۆز مەيدانىدا شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىن خاۋىل بىلەن يى خوڭبو بىردىن توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبىدىن گاۋ دى بىر توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 2-1 نەتىجە بىلەن شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىكى ھەر ئىككى ئۇيغۇر توپچىمىز چوڭ تىزىملىككە كىردى. ئابدۇۋەلى ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ پۈتۈن مەيدان ئوينىدى. مۇرەخمەتجان زاپاس ئەزا بۇلۇپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقمىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى مىنۇت بولغاندا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىن خاۋىل بىر توپ كىرگۈزدى. خېنەن جىيەنيې 1-0 شاڭخەي شېنخۇا.
36-مىنۇتتا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىن يى خوڭبو يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. خېنەن جىيەنيې 2-0 شاڭخەي شېنخۇا.
80-مىنۇتتا شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبىدىن گاۋ دى بىر توپ كىرگۈزدى. خېنەن جىيەنيې 2-1 شاڭخەي شېنخۇا.
ئاخىرىدا خېنەن جىيەنيې كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 2-1 نەتىجە بىلەن شاڭخەي شېنخۇا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ نومۇر تاختىسىدا 4-ئورۇندا تۇرماقتا.
خېنەن جىيەنيې كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-ۋۇ يەن.
8-يى خوڭبو.
33-بى جىنخاۋ.
5-گۇ ساۋ.
15-جېڭ رېنخۈەن
6-لى جىچاۋ
13-ئابدۇۋەلى
3-لۈ جىيەنجۈن
10-ئىۋو
9-خاۋىل
20-ساخىرا
زاپاس ئەزالار تىزىملىكى:
11-لېي يوڭ چى
14-مۇرەخمەتجان
18-شۈ ياڭ.
19-جاڭ كې.
28-تاڭ دېچاۋ
29-خەن فېڭ.
31-لو زۇچىڭ.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved