ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ ئورگان تەرەپ تور بېكىتىنى يېڭىلاپ، Apple Watch ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىنىڭ 25-چېسلادىن باشلاپ ئېرلاندىيە، دانىيە،ئاۋىستىرىيىدە سېتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. iPhone 6s يانفونى ۋە iPhone 6s Plus يانفونلىرىمۇ 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالدىن زاكاز قىلىپ سېتىۋالغان ئېستىمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئاۋىستىرىيە، دانىيە، ئېرلاندىيە قاتارلىقلار iPhone 6s Plus يانفونى تۇنجى تۈركۈمدە سېتىلىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئىدى ئەلۋەتتە. ئالما شىركىتى 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن دۇنيادىكى 130 دۆلەتتە iPhone 6s Plus يانفونىنى سېتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، Apple Watch ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتى ئاللىقاچان يېڭى زېللاندىيە، تۈركىيە ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى-تىم كۇك تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش دۇكىنىنى زىيارەت قىلدى شۇنداقلا ئالما شىركىتى يېڭى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىشنى باشلىغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
Apple Watch ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتى بۇ يىل 4-ئايدا 9 دۆلەتتە سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، كەينىدىن بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەتنىڭ باشقا دۆلەتلەردە سېتىلىشى تەدرىجىي ھالدا كېڭەيتىلدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved