داڭلىق دېڭىز ئۇرۇشى ماي بوياق رەسىمى «سان جوسې» ناملىقنىڭ پارتلىشى (San Jose Exploding). بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئەنگلىيەلىك داڭلىق رەسسام سامۇئېل سىكوت (Samuel Scott).
تەتقىقاتچىلار چوڭقۇر دېڭىز تېلېكامىراسىدىن پايدىلىنىپ دېڭىز ئاستىدىن سۈرەتكە تارتقان «سان جوسې» ناملىق پاراخوتتىكى بۇيۇم.
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، 1708-يىلى لىققىدە ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلانغان ئىسپانىيەنىڭ يەلكەنلىك پاراخوتى كولومبىيە ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونىدا چۆكۈپ كەتكەن. بۇ پاراخوتنىڭ ئىسمى «سان جوسې» ناملىق بولۇپ، چۆكۈپ كەتكەندىن كېيىنكى 300 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئىزدەپ كېلىندى، چۈنكى ئۇنىڭدا پۈتۈن دۇنيا بويىچە يوقاپ كەتكەن «10 چوڭ بايلىق» نىڭ بىرى بار ئىدى.
يېقىندا كولومبىيە زۇڭتۇڭى سانتوس (Santos) جاكارلاپ مۇنداق دېدى، كولومبىيە تەرەپ «سان جوسې» ناملىق پاراخوتنى بايقىدى ۋە ئۇنىڭغا قاچىلانغان بايلىقلارنى سۈزۈپ چىقىشنى قارار قىلدى. مەزكۇر پاراخوت تارىخشۇناسلار ۋە بايلىق ئىزدىگۈچىلەر تەرىپىدىن «پۈتۈن دۇنيا بويىچە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتلارنىڭ ئۇلۇغ ئابىدىسى» دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا بېسىلغان بايلىقنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئىككى مىليارد دوللار (تەخمىنەن 13 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى) دىن ئاشىدۇ.
بىراق گەپنى قايتۇرۇپ كەلسەك، بۇنداق كۆپ بايلىق زادى كىمگە مەنسۇپ؟ كولومبىيە ھۆكۈمىتى، ئۆزىنى ئامېرىكىنىڭ شىركىتى دەپ ئاتىۋالغان بايلىق ئىزدەشكە قاتناشقان بىر شىركەت ياكى شۇ پاراخوت تەۋە بولغان ئىسپانىيە؟ بۇرۇن بىر قېتىملىق جەڭدە چۆكۈپ كەتكەن «سان جوسې» ناملىق پاراخوت، 300 يىلدىن كېيىنمۇ يەنە بىر قېتىملىق تالاش-تارتىش جېڭىغا سەۋەبچى بولۇشى تۇرغانلا گەپ.
1708-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىسپانىيە «فىلىپ 5» (Philip V) پاراخوت ئەترىتى پانامادىن يولغا چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە دەل «سان جوسې» ناملىق پاراخوتمۇ بار ئىدى. ئىسپانىيەنىڭ مەزكۇر يەلكەنلىك چوڭ پاراخوتىنىڭ ئۇزۇنلىقى 150 ئىنگىلىز چىسى (تەخمىنەن 45.7 مېتىر)، كەڭلىكى 45 ئىنگىلىز چىسى (تەخمىنەن 13.7 مېتىر) كېلەتتى، پاراخوتتا 500 ئارتۇق ماتروس ۋە 100 نەچچە يولۇچى بار ئىدى. پاراخوتقا پىرۇ ئالتۇن كانىدىن چىققان ئالتۇن، كۈمۈش، ئالتۇن تەڭگە، مەرۋايىت قاتارلىقلار لىققىدە تولدۇرۇلغان، ئۇندىن باشقا يەنە پانامانىڭ گۆھىرى، ئاندېس تېغى (Andes) دىن تېپىلغان يېشىل ياقۇت، بىنەپشە گۆھەر ۋە ئالماس قاتارلىقلارنىڭمۇ ھەددى-ھىسابى يوق ئىدى. بۇ خۇددى ئەلى بابا ۋە 40 قاراقچىغا ئائىت لىققىدە ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلانغان سىرلىق ئۆڭكۈرگە ئوخشايتتى. بۇ بايلىقنى ھازىر پۇلغا سۇندۇرغاندا ئىككى مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ.
بىراق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتلىرى «سان جوسې» ناملىق پاراخوتقا ھۇجۇم قىلىدۇ، «سان جوسې» ناملىق پاراخوتنىڭ ئوق-دورا ئامبىرى پارتلاپ كېتىدۇ ۋە زور بايلىق بىلەن بىللە دېڭىز ئاستىغا غەرق بولىدۇ. پاراخوتتىكى 600 ئادەم ۋە ھەددى-ھېسابسىز كۆپ بايلىق شۇندىن كېيىن كىشىلەر ئاغزىدا رىۋايەتكە ئايلىنىدۇ.
«سان جوسې» ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كەتكىنىگە 300 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق كىشىلەر ئۇنى ئىزدەشنى توختىتىپ قويمىدى. تاكى 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنىگە كەلگەندە، كولومبىيە زۇڭتۇڭى ئالاقە تورى Twitter دا «خۇش خەۋەر، بىز «سان جوسې» ناملىق پاراخوتنى بايقىدۇق» دېدى.
![]() |
10. كلوۋىس مەدەنىيىتى
مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن
شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان
بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
|
![]() |
رەسىم: موسانىڭ ھەيكىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنى موسا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۆت چوڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.
يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەھۇدىيلار
مىلادىي...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved