كان پارتىلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى 282 گە يىتىپ مەملىكەت تەۋەسىدە ئىش تاشلاپ نامايىش قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

خەلقئارا لىنيەسى ئۇچۇرى ،ھازىرغا قەدەر 13-چېسلا تۈركىيەنىڭ  ماسا ئۆلكىسدە يۈز بەرگەن كان پارتىلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 282 ئادەمگە يەتكەن بۇلۇپ قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كان پارتلاش ۋەقەسى  تۈپەيلى كۆتۈرۈلگەن نارازلىق بىلدۈرۈش ھەركەتلىرى ۋە ئىش تاشلاش ئىشلىرى تەدرىجى تۈركىيەنىڭ بىر قانچە ئاساسلىق شەھەرلىرىگە يامرىغان.

بۇ تۈركىيە تارىخىدا قازا قىلغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان كان پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بۈگۈن 3-كۈنگە قەدەم قويدى.

 

تۈركىيە ئىنىرگىيە مىنىستىرى ئىردىسنىڭ 15- چېسلا چۈشتە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئاخباراتىدا ئېيتىلشىچە،نۆۋەتتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى  ئادەمگە يەتكەن بۇلۇپ كۆپ قىسىم قازا قىلغۇچىلار ئاساسلىقى كاربون ئىككى ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ  بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغان.

 

بۇندىن باشقا يەنە 80دىن كۆپرەك ئادەم يارلانغان بۇلۇپ نەچچە ئون ئادەم يەنىلا كان قۇدۇقى ئىچىدە قاپسىلىپ قېلىغلىق ئىكەن. ھازىر بەخىتسىزلىككە يۇلۇققانلار ئىچىدە 217 ئادەمنىڭ جەسىتى دەپنە قىلنىپ بولغان .تېخى تۇنۇۋېلىنمىغان بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ جەستنى  شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت تىزمىىغا ئېلىپ رەت نۇمۇرى ۋە سۈرەت چاپلاپ ئائىلە تاۋاباتىنىڭ كىلىپ تۇنۇۋېلشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

 

بېيجىڭ ۋاقتى 14-چېسلا كەچتە تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بېرىپ نەخ مەيداننى كۆزدىن كەرچۈرگەن ھەمدە دوختۇرخانىغا يىتىپ بېرىپ يارىدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە -تاۋاباتىدىن ھال-ئەھۋال سورىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەردوغاننىڭ بىلدۈرىشچە ھۆكۈمەت تەرەپ چۇقۇم پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ ياردارلارنى قۇتقۇزدىكەن ھەمدە ۋەقەنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈردىكەن.بۇندىن باشقا يەنە ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگوغا زىيارەتكە چىقماقچى بۇلۇپ تۇرغان تۈركىيە پىرىزدېنتى ئابدۇللا گۈلمۇ خىزمەت كۈن-تەرتىپىنى ئۆزگەرتىپ ۋەقە يۈز بەرگەن نەخ مەيدانغا يىتىپ بارغان.

 

بۇندىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى،ياۋروپا ئىتتىپاقى ،ئامىرىكا،روسىيە،ئىسرائىلىيە،سىپرۇس ۋە گىرىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىيەدىكى كان پارتىلاش ۋەقەسىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ قايغۇسىنى بىلدۈرگەن.

قىسمەن دۆلەتلەر يەنە ياردەم تەمىنلەشكە تەييارلىنىپ بولغانلقنىمۇ بىلدۈرگەن.

 

14-چېسلا تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان مانىسا رايوندىكى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا مېڭىش يولىدا،قىسمەن ئامما بىلەن ئىشچىلار ئائىلە تاۋاباتىنىڭ نارازلىق بىلدۈرۈش ھەركەتلىرى كۆرۈلگەن .كىشىلەر يۇقىرى ئاۋازدا ‹‹ھۆكۈمەت تەخىتتىن چۈشسسۇن!››،‹‹ئەردوغان ئىستىپا بەرسۇن›› دەپ  شۇئارلارنى توۋلىغان ھەمدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەن.شۇكۈنى نارازلىق نامايىشى ئاساسلىقى چوڭ شەھەرلەر بىلەن ئالىي مەكتەپلەرگە مەركەزلەشكەن.

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرىنىڭ مەركىزدىكى خەلىق مەيدانىدا كىشىلەر قولىدا كان ئىشچىلىرنىڭ بىخەتەرلىك  قالپىقنى كۆتۈرۋېلىپ كان ئىشچىلىرىدەك ياسنىپ ئاساسلىق چوڭ كۇچىلاردا نامايىش قىلغان.زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ساقچىلىرى نامايىش قىلغۇچىلارغا قارىتىپ يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۈركىگەن بىراق نامايىشچىلار ساقچىلارغا قارىتىپ تاش ۋە يېقىلغۇ بۇيۇملارنى ئېتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن.

 

تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنۋىرستىتىنىڭ مىڭغا يېقىن ئۇقۇغۇچىسى مەكتەپ ئىچىدە نامايىشنى باشلاپ تۈركىيەنىڭ ئىنىرگىيە ئورگىنغا بارماقچى بولغاندا ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇق قىلشىغا ئۇچراپ كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەرگەن. نامايىش پائالىيەتلىرى يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا ئىستانبۇل،ئەسكى شەھەر قاتارلىق نەچچە ئون شەھەردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان.جەمئىي 40 تىن كۆپرەك نامايىش قىلغۇچى ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇپ كىتىلگەن.

 

مۆلچەرلىنشىچە خەلىقنىڭ ئىش تاشلاپ نارازلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى بارغانسىرى كۈچىيىشكە يۈزلەنگەن.

بۇ قېتىمقى ۋەقەگە قارىتا خەلىق مەسئۇلىيەتنى ھۆكۈمەتنىڭ كان ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كان شارائىتىغا سەل قارىغانلقىغا ئارتقان.تۈركىيە ‹‹بۈگۈنكى دەۋىر››گېزىتنىڭ تورىدا خەۋەر قىلنىشچە،بەزى كان ئىشىچىلرنىڭ ئائىلە تاۋاباتى زىيارەتنى قۇبۇل قىلغان بىلدۈرىشچە،ئۇلار مانىسا كان قۇدۇقى ئىشقا كىرىشكەن يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئەزەلدىن رەسمىي يۇسۇندا بىخەتەرلىك تەكشۈرشى ئېلىپ بارغانلقنى بىلمەيدىكەن. ھەرقېتىم پەقەت شەكىلگىلا كۆرسىتىپ قۇيدىكەن.

 

مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلشىچە،سومادىكى كان ئىشچىلىرنىڭ ھەر ئايلىق مائاشى 1200 لىرا ،تەخمىنەن 600 دوللار بۇلۇپ،تۈركىيەدە تۆۋەن كىرىملىك سەۋىيە بۇلۇپ ھېساپلىندىكەن.بۇنداق يۇقىرى خەۋپى بار خىزمەتنىڭ مائاشىنىڭ تۆۋەن بۇلشى ھەم يەنە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقى كۆپلىگەن ئائىلە تاۋاباتى ۋە ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازلىقنى قوزغىغان .

يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا بۇ قېتىمقى ۋەقە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ھوقۇق تۇتۋاتقان پارتىيەگە يەنە بىر قېتىم زەربە بىرششىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر خەلىق پارتىيسىنىڭ پارلامىنىت ئەزاسى ئىزگۇر بۇندىن ئىلگىرى بىلدۈرۈپ ھوقۇق تۇتۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پاتىيسى 4-ئاينىڭ29-كۈنى پارلامنىت يىغنىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان  سوما رايوندىكى كانغا قارىتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۇش ئېلىپ بېرىش تەلپىنى رەت قىلۋەتكەن دىگەن.

تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلشىغا ئاساسلانغاندا ، كۆپلىگەن ئۆكتىچى پارتىينىڭ پارلامىنىت ئەزالىرى بۇندىن ئىلگىرى مۇشۇ ئىشقا قارىتا ھوقۇق تۇتۇۋاتقان پارتىيەدىن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلغان.



16-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek