يانفون ئوچۇق ھالەتتە توك قاچىلانسا، تېلېفون قوبۇل قىلسا ياكى ئۇرسا، ئۇچۇر يوللىسا، توردىن ناخشا چۈشۈرسە، تېلېفونغا، ئادەمگە ۋە تېلېفون باتارىيەسىگە ئېغىر زىيان يېتىدىكەن. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: تېلېفوننىڭ توك قاچىلىنىۋاتقاندىكى ئېلېكتىر بېسىمى ئادەتتىكى ھالەتتىكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر تېلېفون ئۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغاندا، ئېلېكتىر بېسىمى ئادەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىپ، يانفوننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سەزگۈر زاپچاسلار ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدىكەن.
يانفوننى توك قاچىلىنىۋاتقاندا ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭ رادىئاتسىيەسى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىنىڭ ئون ھەسسىسىگە توغرا كەلگەچكە، ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى زور بولىدىكەن. توك قاچىلاش قېتىم سانى يانفون باتارېيەسىنىڭ ئۆمرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئەگەر توك قاچىلىنىۋاتقاندا توك مەنبەسى كۆپ قېتىم چېتىلسا ياكى ئاجرىتىۋېتىلسە، يانفون باتارېيەسىنىڭ ئۆمرى تېز قىسقىرايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن يانفون ئوچۇق ھالەتتە توك قاچىلىماسلىق كېرەككەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved