بلاتتېر ۋە پلاتىنىنىڭ چىرىكلىك دېلوسىنىڭ مۇشۇ ھەپتە نەتىجىسى چىقىدۇ. مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە، فىفا رەئىسى ۋە ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، ھەمدە ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنىڭ چىقىشىنى ساقلايدۇ. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككىسى كەمىدە يەتتە يىل پۇتبولدىن چەكلىنىشى مۇمكىنكەن. بۇ ھەم بۇ ئىككىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن پۇتبول دۇنياسىدىن خوشلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
2011-يىلى، بلاتتېر ۋە پىلاتىنى بىر مەزگىل مەخپىي سودا قىلغان، فىفانىڭ چىرىكلىك ئىشى ئاشكارلانغان. ئەينى ۋاقىتتا بلاتتېر پىلاتىنىغا 2 مىلىيون شىۋىتسارىيە فرانىكى بەرگەن، بۇ سودا چىرىكلىككە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەنگەن. بۇ ئىش ئاشكارلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىككىسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئەخلاق كومېتىتى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن توختىتىلغان ھەمدە 90 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق پۇتبول بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتكە قاتنىشىش چەكلەنگەن. بىر ئاي ئىلگىرى، فىفا ئىككىسىنى ئەرزىنى قايتۇرىۋەتكەن، بۇ ھەم پلاتىنىنى ياۋروپا لوڭقىسى چەك تارتىش مۇراسىمىغا قاتنىشالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئوخشاشلا ئۇ يەنە فىفانىڭ يېڭى رەئىس سايلام رىقابىتىگىمۇ قاتنىشالمايدۇ.
مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە، بلاتتېر ۋە پىلاتىنىنىڭ تەقدىرىنىڭ نەتىجىسى چىقىدۇ. بۇ ئىككىسى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن. ناۋادا جىنايەت بېكىتىلىپ قالسا، بۇ ئىككىسى كەمىدە يەتتە يىل«پۇتبولدىن چەكلىنىدۇ». بۇمۇ بۇ ئىككى گىگانىتنىڭ پۇتبول سەھنىسىدىكى سىياسىي ھاياتىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved