شاڭخەي ئاجرىشدىغانلار ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويماقچى

پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى 23-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: شياڭگاڭ تاراتقۇرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شاڭخەي شەھىرى يېقىندا توردا تىزىملىتىپ ئالدىن كېلىشىپ ئاندىن ئاجرىشىشنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتقان، سەۋەبى ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان سېستىما يېتىشەلمەي قالغان. شياڭگاڭ «نەنخۇا گېزىتى» تورى 21-مارت «يېڭى دىموكراتىيە كەچلىك گېزىتى» دىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئالدىنقى ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان خىزمەت نىزامىدا ئاجراشقۇچىلار ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىنىشتىن بۇرۇن چوقۇم مەسلىھەت سوراشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بولغان ۋاقىت ۋە بايلىق سەرپ قىلىش زۆرۈر بولىدىكەن.خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەسلىھەت سوراش باسقۇچىنىڭ مەقسىتى بولسا ئاجرىشىدىغان ئىككى تەرەپ ئاجرىشىشنىڭ ئاقىۋىتىگە قارىتا تولۇق ئويلانغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئاجرىشىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئىكەن. ماقالىدە مۇنداق تونۇشتۇرۇلغان، نىكاھ تىزىملىغۇچى خادىملار ئاجراشقۇچىلاردىن ئاجرىشىش سەۋەبى ھەمدە ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە پەرزەنتلەرنى بېقىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا مەسلىھەتلىشىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش لازىم. كەسپىي مەسلىھەت بەرگۈچى خادىملارمۇ نىكاھ تىزىملىغۇچى خادىملار بىلەن بىرلىكتە ئاجراشقۇچىلارنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 ئەگەر ئاجراشقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئاجرىشىش ئىلتىماسى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىشتىن ئۆتمىگەن دەپ ھېس قىلسا، ئۇنداقتا ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلسا ياكى ئادۋوكات ئوتتۇرغا چىقسا بولىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نىكاھ تىزىملاش خادىملىرى يېڭىدىن كۆپەيگەن خىزمەت مىقدارى ۋە ئاجرىشىش ئەنزىلىرىنىڭ سانىغا يېتىشىپ بولالمىغان.شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى نىكاھ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن شياۋخوڭ مۇنداق دېگەن: مۇناسىۋەتلىك تارماقلار توردا تىزىملىتىپ ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش جەريانىنى تېخىمۇ تىز، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئۆمىد قىلىشىۋاتىدۇ. نىكاھ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ يەنە بىر رەھبىرى بولسا، يېڭى خىزمەت بەلگىلىمىسى تېخى ئالدىنقى ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغانلىقىنى، تېخنىكىلىك باغلىنىش ۋە ئېچىشقا بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى جۇڭگودا تەخمىنەن 3 مىلىيون 600 مىڭ جۈپ ئەر-ئايال ئاجراشقان بولۇپ، ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى سان بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىلگىرى ئەر-ئاياللار ئاجراشماقچى بولسا خىزمەت ئورنى ياكى ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ ئىسپاتى لازىم بولغاچقا، نورغۇن كىشىلەر كۆپچىلىك ئالدىدا سەتلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن چىداپ ئۆتۈپ كەتكەن. 2003-يىلى ئېلان قىلىنغان «نىكاھ تىزىملاش بەلگىلىمىسى» ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرغان بولۇپ، ئەر-ئايال بىر كۈن ئىچىدە ئون يۈەن خەجلەپلا ئاجرىشىش كېنىشكىسىنى ئالالايدىغان بولغان.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek