دۇنياغا داڭلىق ئالاقە تورى فېسبوكنىڭ قۇرغۇچىسى زاكېربېرگ قىز پەرزەنت كۆرگەندىن تارتىپ ئارقا-ئارقىدىن توردا قىزىنىڭ سۈرەتلىرىنى ھەمبەھرلىدى. بۇ قېتىم، ئۇ قىزىنىڭ تۇنجى قېتىم سۇ ئۈزگەندىكى سۈرىتىنى تورغا يوللىغان بولۇپ، بۇ پارچە سۈرەتكە جەمئىي بىر مىليوندىن ئارتۇق يۈرەك ۋە 21 مىڭدىن ئارتۇق ئىنكاس چۈشتى.
زاكېربېرگ 11-يانۋار تۇنجى قېتىم قىزىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرغاندىكى سۈرىتىنى يوللاپ مۇنداق يازغانىدى : «ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇنجى قېتىم قوزامنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇردۇم، بۇندىن كېيىن تالاي قېتىملىق زاكا ئالماشتۇرۇش ۋەزىپىسى مېنى كۈتمەكتە».
8-يانۋار، ئۇ قىزىغا ۋاكسىنا ئەملەشتىن بۇرۇنقى سۈرىتىنى توردا ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ۋاكسىنا ئەملەش مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئىلىم-پەن ئاللىبۇرۇن ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ رولىنى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان ئەھمىيىتىنى ئىسپاتلاپ بولغان».
ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، زاكېربېرگ بىر ئايلىقمۇ بولمىغان قىزىنى «پېلانتلار ئارا ئۇرۇشىدىكى باتۇرلار» دەك ياساپ قويغاندىن كېيىن قىزىنىڭ سۈرىتىنى مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىسمى ۋە فىلىمدىكى كىلاسسىك سەھنە سۆزى «كۈچ-قەدرەت ساڭا ھەمراھ» دېگەن بىر جۈملە سۆز بىلەن تەڭ تورغا ئېلان قىلدى.
زاكېربېرگ قىزىغا «كۋانت فىزىكىلىق بوۋاقلار ئوقۇشلۇقى» نى ئوقۇپ بەرمەكتە.
يۇقارقى سۈرەت زاكېربېرگنىڭ تۇنجى قېتىم توردا ئېلان قىلغان دادا-بالا خاتىرە سۈرىتى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا زاكېربېرگ ئەمدىلا ئىككى ئايلىق تۇغۇت ھەمرەھلىقى ئارام مەزگىلىنى باشلىغانىدى. زاكېربېرگ ئىككى ئايلىق تۇغۇت ھەمراھلىقى ئارام مەزگىلىنى تۈگىتىپ خىزمەتكە قايتقاندىن كېيىن بارلىق فېسبوك خادىملىرىنىڭ تۆت ئايلىق مۇئاشلىق تۇغۇت ھەمراھلىقى ئارام مەزگىلىدىن بەھرلىنەلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved