رۇسىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى نېمىسوۋنىڭ قەستكە ئۇچرىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دېققىتىنى تارتتى

رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى، سابىق مۇئاۋىن زۇڭلى نېمىسوۋ 27-فېۋرال قەستكە ئۇچرىدى. ئۆكتىچىلەرنىڭ بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن بۇ رەھبىرى رۇسىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى مۇھىم ئەربابلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ رۇسىيە جەمئىيىتىگە بولغان تەسىرىگە سال قاراشقا بولمايدۇ. قېرىمنىڭ رۇسىيەگە قايتىپ كېلىشى ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسى تۈپەيلىدىن رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشتى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بۇ دېلونىڭ كېلىپ چىقىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى، شۇنداقلا رۇسىيە جەمئىيىتىگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى. بىراق رۇسىيە جامائەتچىلىكى نېمىسوۋنىڭ قەستكە ئۇچرىشى رۇسىيەنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىگە بولغان تەسىرى چەكلىك دەپ ھېسابلىدى.


رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى، رۇسىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى نېمىسوۋ 27- فېۋرال كەچتە رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋا شەھەر مەركىزىدە سالاھىيتى ئېنىق بولمىغان كىشى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى. رۇسىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسى تۈپەيلىدىن جازاغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، ئىچكى ئىقتىساد قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئەھۋالدا، بۇ قېتىمقى ۋەقە ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پوتىن تېزدىن ئالاقىدار تەرەپلەرنى بۇ دېلونى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەشكە مەسئۇل قىلدى، ھەمدە بۇ گۇرۇپپىنىڭ تەكشۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئۆزىگە مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پوتىن ئارقىدىن نېمسوۋنىڭ ئانىسىغا ھەل سوراش تېلېگراممىسى يوللاپ، رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەنى پىلانلىغۇچى ۋە ئىجرا قىلغۇچىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


نېمىسوۋ قەستكە ئۇچرىغاندىن كىيىن، رۇسىيە ئۆكتىچىلىرى 1- مارت موسكۋا شەھەر مەركىزىدە نېمىسوۋغا تەزىيە بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى، موسكۋا دائىرىلىرى ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان نامايىش ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسىنى دەرھال تەستىقلىدى، ھەمدە ئامانلىقىنى قاتتىق ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىپ، نەچچە ئون مىڭ كىشىنىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش نامايىشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تەرتىپلىك ئىلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
رۇسىيەنىڭ سىياسىيونى زۇكۇف مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۆكتىچىلەر ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەر تەزىيە بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈش ئىشى توغرىسىدا تېزدىن بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سۆزلىشىش ئىلىپ بېرىش تەرەپكە قاراپ پائال قەدەم تاشلاندى.


نېمىسوۋنىڭ قەستكە ئۇچرىشىغا قارتا، رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەربابلار بەس بەستە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، رۇسىيەنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش سۈيقەستىدە بولغان كۈچلەرنىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئادىل رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مىرونوۋف مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قاتىل رۇسىيەنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشنى ئۈمىد قىلدى، نۆۋەتتىكى شارائىتتا، پۇقرالار ھوشيارلىقىنى ۋە تىنچلىقنى ساقلىشى، ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىش نىيىتىدە بولغۇچىلارغا ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.
رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىساچوف مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىر قىسىم كۈچلەر نېمىسوۋنىڭ قەستكە ئۇچرىشىنى رۇسىيەنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن بىرلەشتۈردى، بىراق بۇنىڭ قىلچىمۇ ئاساسى يوق، رۇسىيەنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئوبرازى بۇ قېتىمقى دېلو بىلەن زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: غەرب ئەللىرى بۇ دېلونى سىياسىيلاشتۇرۇش ئويىدا بولدى، بۇ ئەخلاقسىزلىق.

 

ئۆتكەن يىلى 3-ئايدىن بۇيان، غەرب ئەللىرى ئۇكرائىنا مەسىلىسى تۈپەيلىدىن رۇسىيەنى كۆپ قېتىم جازالىدى، رۇسىيەمۇ جازاغا قارشى تەدبىر قوللاندى. جازالاش جېڭى بىلەن خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى رۇسىيە ئىقتىسادىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئىقتىسادى ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.
تاشقى بېسىم بىلەن ئىچكى قىسىمدىكى ئىقتىسادى ۋەزىيەت ئاستىدا، پۇتىننى قوللاش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى بولدى. رۇسىيە مۇستەقىل ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرى پۇتىننىڭ قوللاش نىسبىتى % 86گە يېتىپ، ئۆتكەن يىلى 1-ئايدىكىدىن %20 يۇقىرى بولغان.


تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۇتىننىڭ قوللاش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى قېرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى ۋە پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە قوللانغان مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پوتىن ئىزچىل تۈردە كەڭ دائىرىدە قارشى ئىلىنىپ كەلمەكتە، بۇنىڭدىكى سەۋەب ، رۇسىيە ئاممىسى ھازىرقى مۇقىم تۇرمۇشنى قەدىرلەيدۇ، ھەمدە بۇنىڭ ھەممىسى پوتىن يولغا قويغان سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.


رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: غەربنىڭ سىياسىيونلىرى جازالاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي مەقسىتىگە يېتىپ ، بۇ ئارقىلىق رۇسىيە جەمئىيىتىنى پارچىلاش خىيالىدا بولماقتا، بىراق ئۇلار مەغلۇپ بولدى، رۇسىيە جەمئىيىتى جازالاشقا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتى.


ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، رۇسىيە دائىرىلىرى يەنە چەتئەللىك پاي چىكىلىرىنىڭ رۇسىيە تاراتقۇلىرىدا پايغا ئىگە بولۇشىغا چەك قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان كۆپ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سورۇش، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ياخشى جامائەت مۇھىتى يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى بىرەسمىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنى ۋە قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رۇسىيە زېمىنىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت ئۈستىدە ئىزدەتمەكچى بولغانلارغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمىدى.


ئۆتكەن يىلى، رۇسىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئونىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ ئەسەبىيلىككە زەربە بەردى. پوتىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا ئەسەبىيلىك جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋە قايتىدىن كۈچ دائىرىسىنى ئايرىش قورالىغا ئايلانماقتا، ئاتالمىش رەڭلىك ئىنقىلاب كۆپلىگەن ئازابلىق ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كېلىپ، ئالاقىدار دۆلەت خەلقى كۆپلىگەن ئېغىر داۋالغۇشلارغا ئۇچرىدى ياكى ئۇچرىماقتا. بۇ رۇسىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، رۇسىيە بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، بۇ خىلدىكى ئەھۋالنىڭ رۇسىيە زېمىنىدا تەكرارلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: گەرچە رۇسىيە ھۆكۈمىتى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق بولغان كۆپلىگەن تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، بىراق ئەگەر نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ئۇزاققا داۋاملاشسا بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئىلىپ كېلىشى، بۇ رۇسىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىكى ئامىللارنى كۆپەيتىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتىكى ۋەزىپىسى ئېغىر، مەنزىلى يىراق.



خەتكۈچلەر:
05-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
  ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 9-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئىنتايىن قاتتىق يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى تۈزۈۋېتىپتۇ. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ھەرقانداق كىشى ناۋادا «خاتا سىزىلغان» ھىندىستان خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، تالاش-تارتىشت...
11-05-2016
      فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 10-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە شۇ جاي ۋاقتى 10-ماي شەرقى جەنۇبتىكى شەھەر دىيارباقىرنىڭ مەركىزىدە بىر قېتىملىق ساقچى ماشىنىسىنى پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ق...
11-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
10-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كات (سولدا) ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسىنگىرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىش...
10-05-2016
    فىلىپپىن سايلام كومىتېتىنىڭ 10- ماي سەھەردىكى ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەۋاۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى دۇزېلتى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا 14 مىليون 500 مىڭ بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سايلامدا غەلبە قىلىشى مۇقىم...
10-05-2016
     شۇ جاي ۋاقتى 9-ماي، بىرازىلىيە ئاۋام پالاتاسىدىكى مۇۋەققەت پالاتا باشلىقى ۋالدىر مارانىھو قارار ئىمزالاپ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان زۇڭتۇڭ روسسېفنى ئەيىبلەش دېلوسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ھەمدە ب...
10-05-2016
    جۇڭگونىڭ «بىر لىنىيە بىر يول» تەشەببۇسى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، زور تەرەققىيات پۇرسىتى يۇشۇرۇنغان بۈيۈك پىلان دەپ قارالدى. بىراق ئەزەلدىن جۇڭگوغا ھۇشيار پۇزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن ھىندىستاننىڭ ج...
10-05-2016
     ئۆز خەۋىرىمىز: 2016-يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش(خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى 15-ماي(مۇشۇ يەكشەنبە) باشلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە 15 كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ت...
10-05-2016
    چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ مۇھىم رەھبىرى، لەقىمى «قۇملۇق شىرى» بولغان ئەبۇ ۋەھىب ھەمدە ئۇنىڭ ...
10-05-2016
    رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا تۈنۈگۈن سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەمدە سۇرىيە  مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپ: كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ...
Powered by Leglek