سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ باشقا دۆلەت ئىشلىرىغا ئارلاشماسلىقىنى تەكىتلىدى

   تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىيە ۋەزىرى 9 - يانۋار ئىراننى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىراننىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توختاتمىسا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ قارشى تەدبىرلەرنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبەر بۇ قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى : « ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىنىڭ، ئاساسلىق مەنبەسى ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستانى ياكى پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ئەمەس. ئەگەر ئىران ھازىرقى سىياسىتىنى داۋامللاشتۇرسا، بىز تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنى توسىمىز».

   پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى جىددىي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 9 - يانۋار رىيادتا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا يېقىندىن بۇيانقى ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى ناچارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. ھەمدە يىغىندا ئىران پۇقرالىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيبلىدى.

    بۇ يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن 47 تىرورچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىلەرنى «بىر تەرەپ» قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىئە مەزھىپى دىندارلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ 2 -يانۋار يېرىم كېچىدە ، زور تۈركۈمدىكى ئىران پۇقرالىرى توپلىشىپ ، ئىران پايتەختى تېھراندا سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان. 3 - يانۋار ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن دېپلوماتىيە مۇناسىۋېتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.



خەتكۈچلەر:
11-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى ئاق سارايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما (ئوڭدىن 1-كىشى) بىلەن جاخانا خايېس (ئوڭدىن 2-كىشى) ئامېرىكىنىڭ يىللىق ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى...
05-05-2016
    بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر شىمالىي قىسمىدىكى قورغان ئالېپپودا كەسكىن توقۇنۇشۇپ، ئۇرۇش توختىغىلى ئەمدىلا 10 ھەپتىدەك بولغان ۋەزىيەت ھالاكەتكە يۈزلەندى، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئال...
05-05-2016
    4- ماي كۈنى بولسا جۇڭگونىڭ ياشلار بايرىمى. ياشلىق دېگەن نېمە؟ گوۋۇيۈەن« دۆلەتلىك يىللىق بايراملار ۋە خاتىرە كۈنلىرى چارىسى» بويىچە ياشلار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى بولسا 14 ياشتىن 28 ياشقىچە بول...
05-05-2016
    20 ياشتىن ئاشقان كورىيەلىك ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنى «دوزاخ كەبى دۆلەت» دەپ قارايدۇ، جەمئىيەت ئەھۋالى ئارزۇ-ئۈمىدكە تولغان ئۇلارنى كەلگۈسىدە قايسى دۆلەتتە تۇرمۇش كەچۈرسە ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويغا...
04-05-2016
     5-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىشىلەر ئېرۇسالىمدىكى بىن دېيۋىد سوراق قىلىنغان سوت مەھكىمىسى سىرتىدا تۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈردى. 3-ماي، ئېرۇسالىم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمدا پەلەستىنلىك ئۆسمۈر خۇدايىرنى قەس...
04-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە نەچچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
04-05-2016
    ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ-6 پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، تۆت ئاساسلىق سىياسى پارتىيە ئارىسىدىكى قاتمال سىياسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنى تارقىتىۋ...
04-05-2016
    ياپونىيە 3-ماي تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى، شۇ كۈنى 50 مىڭ ياپونىيە شەھەر ئاھالىسى توكيوغا يىغىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنىنى بىكار ...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
Powered by Leglek