3-ئاۋغۇست سائەت 16:30 دا ، يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتوڭ شەھىرىنىڭ لۇديەن ناھىيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرەپ ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى ۋە يارىلاندى ، بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى ، شىنجاڭلىق ساخاۋەتچى ئالىم خالىق 1000 تال نان ئېلىپ ، ئاپەت يۈز بەرگەن لۇديەن ناھىيەسىگە كېچىلەپ يېتىپ كەلدى . ئۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا نان قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە ، يەنە ئۆز قولى بىلەن پولو ئېتىپ بېرىدىكەن .
ئالىم خالىق ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1971-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىدىن يەككە تىجارەتچى .ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئۇنچە باياشات ئەمەس ، پەقەت كاۋاپ سېتىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ، بىراق ئۇنىڭدىكى باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان روھ ئۇنى يۇرتداشلىرىنىڭ نەزەرىدىكى ياخشى ئەرگە ، گۇيجۇلىقلارنىڭ قەلبىدىكى ساخاۋەتچىگە ئايلاندۇردى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved