تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى بىر جاسۇس ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان «ئەڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان جاسۇسى» دەپ نام ئالغان، ئىسرائىلىيەدە 20 يىل جاسۇسلۇق خىزمىتى ئۆتىگەن، ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىسرائىلىيەنىڭ تەتقىق قىلغان بىئولوگىيىلىك قوراللىرىنىڭ ئاخباراتىنى يەتكۈزۈش ئىكەن.
ماكۇس كىلىنبۇگ ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ 1-دېكابىر بايان قىلىشىچە، ماكۇس 30-نويابىر فىرانسىيە پارىژدا قازا قىلغان، بۇيىل 97 ياشقا كىرگەن.
ماكۇس پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1939-يىلى گېرمانىيە پولشاغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىچىپ بېرىۋېلىپ، داۋالاش كەسپىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. 1941-يىلى گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم باشلىغاندىن كېيىن، ئۇ قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقان. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ پولشاغا قايتىپ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ نىمىسلار قولىدا ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.
ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇ شىۋىتسارىيەگە كۆچۈپ كەتكەن، 1948-يىلى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئىسرائىلىەيگە بېرىپ ھەربىي دوختۇر بولغان، ھەمدە پولكوۋنىكلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
1957-يىلى ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنتايىن مەخپىي بولغان بىئولوگىيىلىك قورال تەتقىق قىلىش مەركىزىگە كىرگەن، بۇ مەركەز نىسكىيوناغا جايلاشقان بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ماكۇس سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىسرائىلىيەنىڭ بۇخىلدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاخباراتلىرىنى يەتكۈزۈشنى باشلىغان.
6 يىلدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە تەرەپ ئۇنىڭ سالاھىيىتىدىن گۇمانلانغان بولۇپ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ ئەسلى سالاھىيىتىنى بىلەلمىگەن، تاكى 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ماكۇس ئىككى ئىككى ياقلىما جاسۇس جىنايىتى بىلەن ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇنى سوراق قىلىش ھەمدە بارلىق ئىش ئىزلىرى مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ تۇتۇلغاندىن 15 يىل كېيىن باشقا دۆلەتتىكىلەر بۇ خەۋەرگە ئېرىشكەن، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ ئىزچىل تۈردە سىرتقى ئىشلارغا ئارلاشمىغان، 2013-يىلىغا كەلگەندە ئۇ قىزى بىلەن پارىژدا تۇرغان ۋە پارىژدا كۆز يۇمغان.
![]() |
يېقىندا كېنەز كەيت مىدىلتون ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى «Vogue» نىڭ 6-ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 100-يىللىق سانىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved