كۆزگە كۆرۈنگەن كىنو ئارتىسى دىلرابا دىلمۇرات

لەگلەك تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى ،دىلرابا -1992-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان .جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق ئاكتىيورى ،مىللىتى ئۇيغۇر ،شاڭخەي تىياتىر ئىنىستوتىنى پۈتتۈرگەن . 2010-يىلى رېژىسسور لۇ چۈۇنداۋنىنڭ ›پادىشاھنىڭ كاتتا زىياپىتى ‹ ناملىق فىلىمدە رول ئېلىش بىلەن كىنوچىلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان . 2011-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ›ئانارخان ‹دا ئانارخاننىڭ رولىنى ئېلىپ كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن .

 

2012-يىلى ›大漠谣›ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان .2013-يىلى داڭلىق كىنو ئارتىسى ياڭ مى ، ناخشىچى جوۋ بىچاڭ ،تەن ۋېي ۋېي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ 微时代ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ۋۇ ئەنپونىڭ رولىنى ئالغان.شۇ يىلى يەنە 古剑奇谭ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان ، بۇ ئىككى فىلىم ھازىر كىنو ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزىقىپ كۆرىدىغان فىلىمىغا ئايلاندى .2014-يىلى 1-ئايدا دىلرابا 班淑传奇ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالدى ،3-ئايدا 谷望阶梯ناملىق فىلىمدە رول ئېلىشقا باشلىدى .

 

بۇ يىل 7-ئايدا ئۇ يەنە ھەپتىلىك فىلىم دۇنياسىنىڭ ‹گۈزەللىك يارىتىش › پروگراممىسىنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشتى .8-ئايدا ئۇ يەنە تور تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹你是温暖 逆光而来›دا رول ئېلىشقا باشلىدى . بۇ فىلىمدە دىلرابا 1-نومۇرلۇق ئايال ئارتىسنىڭ رولىنى ئالىدۇ .

 


خەنزۇچە ئىسىم يېزىلىشى :迪丽热巴。迪力木拉提

 


ئېنگلىزچە ئىسىم يېزىلىشى :DILRABA DILMURAT

 


باشقا ئىسىم ئاتىلىشى :小迪


دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو


مىللىتى : ئۇيغۇر


يۇلتۇز تۈركۈمى ھوت يۇلتۇز تۈركۈمى


بوي ئېگىزلىكى :1.69cm


بەدەن ئېغىرلىقى :50kg


تۇغۇلغان يۇرتى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى


تۇغۇلغان ۋاقتى :1992-يىلى 6-ئاينڭ 3-كۈنى


كەسپى :ئاكتيور


پۈتتۈرگەن مەكتىپى :شاڭخەي تىياتىر ئىنىستوتى

 


ئىقتىسادىي ئىگىلىك شىركىتى :خۈەنرۇي دەۋر ۋاستىچىلىك شىركىتى


ۋەكىللىك ئەسىرى :古剑奇谭 微时代 谷望阶梯

 


ئىلگىركى يىللاردىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى 2010-يىلى رېژىسسور لۇ چۈەنداۋنىڭ رېژىسورلىقىدىكى پادىشاھنىڭ كاتتا زىياپىتى ناملىق فىلىمدە رول ئېلىش بىلەن كىنوچىلىق ساھەسىگە كىرىپ كۆڭۈل ئېچىش سېپىگە قوشۇلغان .2011-يىلى تۇنجى رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ›ئانارخان ‹دا تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇتۇق قازانغان . 2013-يىلى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ داڭلىق ئايال ئارتىسى ياڭ مى بىلەن ھەمكارلىشىپ 微时代,古剑奇谭ناملىق ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان ،بۇ ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىش بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن . شۇنىڭدىن كېيىن دىلرابا ئىزچىل تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ فىلىم ،تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە شۇنىڭدەك پىروگىراممىلاردا رول ئېلىشقا باشلىغان .

 


دىلرابانىڭ ئاساسلىق رول ئالغان فىلىملىرىنىڭ ۋاقتى ۋە چۈشەندۈرۈلۈشى :

 


1.قۇيۇلىدىغان ۋاقتى :2015-يىلى


فىلىم نامى :谷望阶梯


رېژىسسور :لۇو شەنرەن


ئالغان رولى :سۇڭ زىخەن


ھەمكارلاشقان ئارتىسلار :جاڭ رۈي ،جاڭ مېڭ ،|خو جېڭيەن

 


2.قۇيۇلىدىغان ۋاقتى :2015-يىلى


فىلىم نامى :班淑传奇


ئالغان رولى :كىروران مەلىكىسى


رېژىسسور :لى خۈيجۇ


ھەمكارلاشقان ئارتىسلار : جىڭ تىيەن ،جاڭ جېخەن ،لى جىياخاڭ


3.قۇيۇلىدىغان ۋاقتى :2015-يىلى


فىلىم نامى :大漠谣


رېژىسسور :لى گولى


ھەمكارلاشقان ئارتىسلار : خۇگې ،پېن يۈيەن ،لىيۇ شىشى


4.قۇيۇلىدىغان ۋاقتى :2014-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى


فىلىم نامى :美人制造


ئالغان رولى :چىن چېڭ


رېژىسسور :يۈ جېڭ

 


ھەمكارلاشقان ئارتىسلار :گاۋ جىسەي ،ياڭ روڭ ،جىن شىجىيا

 


5.قۇيۇلغان ۋاقتى :2014-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى


فىلىم نامى :古剑奇谭


رېژىسسور :لىياڭ شىڭچۈەن

 


ھەمكارلاشقان ئارتىسلار :ياڭ مى ،ما تىيەنيۈ ،جېن شۇاڭ ،جاڭ مېڭ

 


6. قۇيۇلغان ۋاقتى :2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى


فىلىم نامى :ئانارخان


ئالغان رولى :ئانارخان


رېژىسسور :يۈ دېئەن

 


ھەمكارلاشقان ئارتىسلار :ئابدۇكېرىم ئابلىز ،تۇرغۇن ئىمىن ،نىجات تۇرسۇن ،ئابلىكىم ئابلەت ،ھوشۇر قارى ،پەزىلىيە غۇلام قاتارلىقلار

 


7.قۇيۇلىدىغان ۋاقتى :2015-يىلى


فىلىم نامى : 你是温柔 逆光而来


ئالغان رولى :جىياڭ لى


ھەمكارلاشقان ئارتىسلار :مى رې قاتارلىقلار

 

 

دىلراباغا بېرىلگەن باھا لار :


تېلېۋىزىيە تىياتىرى ›ئانارخان ‹دا دىلرابا دىلمۇرات تۇنجى قېتىملىق رول ئېلىشىدىلا ئايال باش پېرسۇناژ ئانارخاننىڭ رولىنى ئالغان ،شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بېسىمى ناھايىتى ئېغىر ئىدى ،ھېلىمۇ ياخشى كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى ئاستىدا دىلرابا ئۆزىنى ئەينى دەۋىردىكى ھەقىقىي ئانارخاننىڭ ئورنىغا قۇيۇپ تۇرۇپ ئانارخاندىن ئىبارەت بۇ رولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ چىققان . ئانارخان ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن دىلرابا ئۆزىنى بۇرۇنقىدىن بەكرەك ئىش بىلىدىغان ، قائىدە يۇسۇن ، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق سوغۇقلىرىنى چۈشىنىدىغاندەك ھېس قىلغان
.

 

ھەمدە بۇ جەرياندا نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى توپلىغان ۋە ئۆگەنگەن . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قانداق رول ئېلىشنى ،قانداق ئادەم بولۇشنى ،قانداق قىلغاندا باشقىلارغا كۆيۈنگىلى بولىدىغانلىقىنى ، بىلىپ يەتكەن ، ئۇ ئانارخاندىن ئىبارەت بۇ رولنى ئېلىپ ئەينى دەۋىردىكى ئانارخاننىڭ سەرگۈزەشتىسىنى ۋە تۇرمۇشىنى قايتىلاپ چىقىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتقان . )سۇمۇرۇغ كۆڭۈل ئېچىش سەھىپىسى نىڭ دىلراباغا بەرگەن باھا سۆزى (

 

ئېرىشكەن نەتىجىسى :2009-يىلى بىرىنچى قېتىملىق جىلىن ئۆلكىلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ناخشا ئۇسۇل مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن . 



خەتكۈچلەر:
05-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek