ئىستراتېگىيلىك خاتا چۈشەنچىدە بولىۋاتقان ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا

‏ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو 15-ئاۋغۇست ياپونىيە تەسلىم بولغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدىكى سۆزىدە ھەم مەسئۇلىيىتىنى تىلغا ئالماي ھەم ئۇرۇش قىلماسلىق ۋەدىسىنى تىلغا ئالماي، ۋاكالەتچىسى ئارقىلىق ياسوكونى ئىبادەتخانىسىغا نەزىر چىراق قىلىش ھەققى بەرگەندىن كېيىن، يېقىندا يەنە بۇ يىل ئاپرېلدا ئەركىن دېمۇكىراتلار پارتىيىسىنىڭ لېدىرى نامىدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياپونىيەلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئەرۋاھ تاختىسىغا دۇئا تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتىدە تەزىيە سۆزى قىلىپ ئۇلارغا ئىھتىرام بىلدۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

 


ئابىشىنزونىڭ يېقىندىن بۇيانقى بۇ ئويۇنىغا ئاسىيادىكى خوشنا دۆلەتلەر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئابىشىنزونىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئا دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى ماختىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنىڭ يېتەرلىك سەۋەبى بار، ئابىشىنزونىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى تارىخ قارىشى، زېمىن ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھەربىي ئىشلارنى بوشىتىشى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى بىر يۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىدا يەنە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلدى، ئۇ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى جۇغراپىيىلىك سىياسىينىڭ مۇقىمىلىقىدىكى ھەقىقىي بۇزغۇنچى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق رامكىسىدا، ياپونىيە پەقەت ئامېرىكىنىڭ رايىغا قاراپلا ئىش قىلىشتەك رولنى ئوينىدى. ئابىشىنزو يەنە بىر قېتىم تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىلگىرى نىقاپلىغىلى بولىدىغان ئوڭچىل كۈچلەرنىڭ تەشەببۇسى ئاشكارا سۇ يۈزىگە چىقتى، ئۇلار يالغۇز تارىخى مەسىلىسىدىلا ئىنسانىي ئەخلاق پەزىلەتكە ئىغۋارگەرچىلىك قىلىپلا قالماستىن، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئىي قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا خەتەرلىك ھالدا ئۇرۇش ئاپتوموبىللىرىنى قايتا قوزغاتتى.

 


ياپونىيەنىڭ قۇترىشى ۋە خوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىگە قارىتا ئۇرۇشتىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ياپونىيەنى قوغدىغۇچى ۋە چەكلەپ تۇرغۇچى بولۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا كۆرمەسكە سېلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ، ئىنسانىي ئەخلاق پەزىلەتكە پىسەنت قىلمىدى. مۇشۇنداق پەرۋاسىزلىق ۋە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشنىڭ ئارقىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رېئال دىپلوماتىيە ئىھتىياجىمۇ مەۋجۈت بولۇپ، ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىسىدە ياپونىيەنى ئەتىۋارلاپ، ئۆزى ئىھتىياجلىق بولغان خەلقئارا تەرتىپنى ئورناتماقچى ۋە قوغدىماقچى بولدى. ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل رېئال دىپلوماتىيىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نەتىجە يارىتىشى ناتايىن ئىدى.

‏ئامېرىكىدىكى داڭلىق دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيە ئىلمي مۇتەخەسسىسى «ئىستراتېگىيىلىك نەزەر» دېگەن كىتاۋىدا ئىنتايىن ئەندىشە قىلغان ھالدا بۈگۈنكى دۇنيا بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر بىرىگە تايىنىدىغان دۇنيا، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۈتلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك خىلمۇ خىل مەسىلىلەردە تۇنجى قېتىم ئەنئەنىۋى خەلقئارا توقۇنۇشنىڭ مۇھىملىقى ئاشكارىلاندى. ئاساسەن مۇقىم بولغان جۇغراپىيىلىك سىياسىي قېلىپ بولمىسا، زۆرۈر بولغان يەر شارى ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەر قانداق تىرىشچانلىق مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملىنىدۇ دېدى.


ئامېرىكىلىق بۇ مۇتەخەسسنىڭ ئەندىشىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيەنى كونترول قىلىش كۈچىدىكى ئىشەنچىسى ئىنتايىن ئېشىپ كەتكەندەك قىلاتتى. تارىختىكى فاشىسىزىمنىڭ تىنچلاندۇرۇش سىياسىتىغا بولغان تارىخىي ئاچچىق ساۋاق ھېلىمۇ يادىمىزدا، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى ئۇنتۇپ قالدى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ئاق قارىنى ئاستىن ئۈچتۈن قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئابىشىنزونىڭ خەتەرلىك سېگنالىنى ئەيىبلىمىدى ۋە ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىدى، ياپونىيەنىڭ ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەربىي ئىشلار چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىپ قېلىشىدەك خەتەرگە سەل قارىدى. بۈگۈنكى ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايونى قېلىپىدا جۇغراپىيىلىك سىياسىينىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇش مالىمانچىلىق ۋە خەتەرلىك رايون ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئامېرىكىمۇ بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

 


ھالبۇكى، ئابىشىنزونىڭ قارا نىيىتى قانچىلىك ئەۋجىگە چىقسۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا قانداق يول قويۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۇلار ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىققا ئىنتىلىدىغان، ئورتاق تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىگە سەل قاراپ قالدى. ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئورتاق تەرەققىياتتا گۈللەنسە تەڭ گۈللىنىدىغان زىيانغا ئۇچرىسا تەڭ زىيانغا ئۇچرايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى، سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى ئارقىلىق قارشىلىشىدىغان، ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان، رايون مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىستراتېگىيىلىك خاتا چۈشەنچە، بۇ ئاخىرى ئۆز پۇتىغا ئۆز پالتا چاپقانلىق بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
04-09-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
29-04-2016
     بۇ يىل 4–ئاينىڭ 26–كۈنى چېرنوبېل يادرو ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى. رۇسىيە زۇڭتۇڭ پۇتىن 26–ئاپرېل: چېرنوبېل يادرو ھادىسىسىدىكى ئاخىرەتلىك ئىشلارنى ئۈستىگە ئالغانلانىڭ باتۇرلۇقى ۋە پىداكا...
29-04-2016
    ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كلىنتون 21–ئاپرېل ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئويلىماپت...
29-04-2016
    ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 26–ئاپرېل باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ: جەنۇبىي سۇدان ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى، سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ مەشئەلنىڭ پايتەخت جۇباغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ھەم قەسەم بېرىپ جەنۇبىي سۇداننىڭ...
29-04-2016
    رۇسىيە تاسسىس ئاگېنتلىقىنىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى موسكۋا ئىچكى ئىشلار باش ئىدارىسى ئاخبارات باشقارمىسى ئۇچۇر تارقىتىپ، موسۋانىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش...
29-04-2016
     شۇ جاي ۋاقتى 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا مارىلان شىتاتى بالتىموردىكى فوكىس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا دىراماتىك بىر ۋەقە يۈز بەردى، كارتونچە كىيىنگەن ئەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىناسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ بەد...
29-04-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاندقا ساياھەتكە بارغان ئەنگلىيەلىك بىر جۈپ ئەر-خوتۇن شۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن سۇ چېچىش بايرىمى نەق مەيدانىدا تايلاندلىق بىر نەچچە نەپەر قارا گ...
29-04-2016
    كورىيە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كورىيدە زېكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 3- بىمار بايقالغان بولۇپ، بۇ بىمار بۇ دۆلەتتە 2- بولۇپ زېكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىنىڭ ئاكىسىكەن. ...
29-04-2016
    27-ئاپرېل شۋېتسىيە «تېز خەۋەر گېزىتى» نىڭ ئىراقلىق ئۇچۇردىن خەۋەردار زاتنىڭ بايانىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئاشقۇن تەشكىلات IS نىڭ سەككىزگە يېقىن ئەزاسى شۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولىمغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغان. ...
29-04-2016
28-ئاپرېل تايلاندقا نىسبەتەن رومانتىك بىر كۈن بولدى، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھى پۇ مىفېڭ بىلەن شى لىجى خانىشنىڭ توي قىلغانلىقىنىڭ 66 يىللىق خاتىرە كۈنى. 1948- يىلى پۇ مىفېڭ پارىژدا ئەينى ۋاقىتتىكى تايلاندنىڭ فىرانسىيەدىكى ئەلچىخانىسى...
29-04-2016
    جەنۇبىي سۇدان پرېزىدېنتى كىئېل ۋە مۇئاۋېن پرېزىدېنتى ماسار شۇ جاي ۋاقتى 28- ئاپرېل يېڭى ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنى ۋەزىپىزگە تەيىنلەپ، جەنۇبىي سۇدان مىللى ئىتىىپاق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ...
Powered by Leglek