1. ياش تۆكىدىغان قىز
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر ئەر قولدا سىزغان رەسىم سېتىۋېلىپ ئۆيىگە قايتقاندا كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى رەسىمگە قارىغانسېرى غەلىتىلىك ھېس قىلغان، يەنى رەسىمنىڭ ئىچىدىكى قىزغا گويا جان كىرگەندەك بولۇپ، يۈزىدىكى ياش ئاستا-ئاستا يەرگە قاراپ ئاققان، ئۇلار بۇ ياش قىز بەلكى ئايال داخان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.
كۆز ياشلىرىنى كۆردىڭىزمۇ؟
2. كۆز يېشى قىلغان بالا
بۇ ئەڭ داڭلىق رەسىم بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، رەسسام ئاپتورى ئامادىيو Bruno Amadio)) نۇرغۇنلىغان « كۆز يېشى قىلغان بالا» ئاساسىي تېما قىلىنغان رەسىم سىزغان، 1985-يىلىدىن كېيىن، قايسى بىر ئائىلە بۇ رەسىمىنى تامغا ئېسىپ قويسا، شۇ ئائىلىنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتكەن. تېخىمۇ غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ رەسىملەر ئوت يالقۇنى ئىچىدە ھېچنېمە بولماي ساقلىنىپ قېلىپ، داۋاملىق ھالدا باشقا ئائىلىلەرنىڭ تېمىغا ئېسىلغان.
بۇ رەسىمنى سېتىۋېلىپ سىزنىڭمۇ ئۆيگە ئوت قويغىڭىز بارمۇ؟
3. ئازابلىق ئادەم
بۇ رەسىمنى رەسىمنىڭ ئاپتورى ئۆزىنىڭ قېنى ئارقىلىق سىزىپ چىققاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان (ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندا چوقۇم چوڭ قورساق كۆپۈكى تارتقان بولۇشى مۇمكىن) ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەل ئايىغى بېسىققاندا بۇ رەسىمگە يېقىنلىشىپ دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ قارىسىڭىز، رەسىمگە جان كېرىپ ھەرىكەتلەنگەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيسىز، ئارقىدىن يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئېچىنىشلىق چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ.
سىزمۇ يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئېچىنىشلىق ئاۋازنى ئاڭلىدىڭىزمۇ ؟
4. قارشىلىق كۆرسىتىدىغان قول
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ رەسىمگە ئۇزۇن قارىسا، بېشى قېيىپ كۆڭلى ئېلىشىش پەيدا بولىدۇ. بۇ رەسىمنى سېتىۋالغان خوتۇننىڭ ئېيتىشىچە، ئوغۇل بالا بىلەن يېنىدىكى قىز دائىم تۇرغان ئورنىنى ئالماشتۇرىدىكەن.
قورقۇنۇشلۇق بىر كۆزنىڭ سىزگە قاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟
5. بېرنارد. گالۋىسنىڭ پورترېتى
بۇ رەسىم ئامېرىكا گالۋىس مېھمانخانىسىنىڭ چوڭ زالىغا ئېسىلغان، مېھمانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە: ئۇلار بۇ رەسىمنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، رەسىمدىكى بۇ ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكە باش ۋالىيسى كۆزىنى ئۈزمەي ئۇلارغا توختىماي قارىغانلىقىنى ھېس قىلىدىكەن ؛ ئەگەر بىرەرسى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ بۇ رەسىمنى سۈرەتكە تارتسا، رەسىم ئاسماننى تۇمان قاپلىغاندەك ناھايىتى تۇتۇق چىقىدىكەن.
ئىشەنمىسىڭىز سۈرەتكە تارتىپ بېقىڭ
6. سۇرفېن لاۋلا خانىم سۈرىتى
بۇ رەسىمدىكى خانىم بولسا ئامېرىكا قورقۇنچلۇق ھېكايىلىرىدىكى داڭلىق رەزىل ئايال خوجايىن، ئۇ قول ئاستىدىكى نېگىر قۇللارنى قامچا بىلەن ئۇرۇش، كۆزنى ئويۇۋېلىش، تېرىسىنى شىلىۋېلىش قاتارلىق رەھىمسىز ئۇسۇللار بىلەن، ئۇلارنى خارلاپ ئۆلتۈرگەن. ئۇنىڭ قورۇسىغا ئوت كېتىپ كۆيۈپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ رەسىم بايقالغان، لېكىن غەلىتە ئىشلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن، نەرسە يوقاپ كېتىش، ئۆيىدىكى كىيىملەردە غەلىتە كۆيۈك ئىزى پەيدا بولۇپ قېلىش. بەزىلەر بۇنى سۇرفېن لاۋلا خانىمنىڭ روھىنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىشى، جان لازىم بولمىسا ئۇنىڭ ئۆيىگە چېقىلسا بولىدۇ دېگەن.
7. دېلىسچىر مېھمانخانىسىدىكى كىچىك قىزنىڭ رەسىمى
دېلىسچىر مېھمانسارىيىدا، بۇرۇندىن تارتىپلا جىن بارلىقىغا ئائىت گەپ سۆزلەر بولغان، بۇ چوڭ زالنىڭ ئىچىگە ئېسىپ قويۇلغان كىچىك قىزنىڭ رەسىمى دەل شۇلارنىڭ بىرى. مېھمانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە: رەسىمگە قارىسا بېشى قېيىپ بىئارام بولۇۋاتقانلېقىنى ھېس قىلىدىكەن. ھەتتا بىر خىل روھى چىقىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن، ھازىر ئۇ رەسىم 5-قەۋەتكە يۆتكىۋېتىلگەن بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتى ئاز ئىكەن.
مېنىڭ راستلا بېشىم قېيىپ بەك بىئارام بولدۇم
8. كورېيەلىك قىزنىڭ رەسىمى
بۇ رەسىمنىڭ ئاپتورى كورېيەلىك بىر قىز بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى تالانتلىق قىز ئىكەن، لېكىن بۇ رەسىمنى سىزىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بېسىم بەك ئېغىر بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. بۇ رەسىمگە ئۇزۇن ۋاقىت تىكىلىپ قارىسا، رەسىمنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقايدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved