ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ يەككە تەرەپ پىلانىغا قارشى ئىكەن

سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخو يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق تەشكىلاتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قوللانغان يەككە تەرەپ ھەرىكىتىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ يەككە تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان قاتتىق ھەل قىلىش شەرتىنى ھەرگىز قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى .


ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخو 18-دېكابىر ئىئوردانىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئىسرائىلىيە پەلەستىن توقۇنۇشىغا ئائىت قارار لايىھىسىنى سۇنغانلىقىغا پوزىتسىيە بىلدۈردى .ئۇ پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباسنىڭ ئۆزى يەككە تەرەپ ھەرىكىتىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيىگە بېسىم ئىشلىتەلەيمەن دەپ ئويلاپ قالغانلىقى ،ئەمما بۇنىڭ خۇددى ئىلگىرىگە ئوخشاش غەززە رايونىدا يۈز بەرگەن ئەھۋالغا ئوخشاش پۈتكۈل خاماسنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى تارتىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى .

نېتانىياخو ئىسرائىلىيىنىڭ خاماسنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقى ،ئىسرائىلىيىنىڭ ئۆز خەۋپسىزلىكىنى باشتىن ئاخىرى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .


ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لايبىرمۇ شۇ كۈنى ئىئوردانىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە پەلەستىن تەرەپنىڭ قارار لايىھىسىنى سۇنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى .باياناتتا مۇنداق دېيىلدى :‹بۇ پەلەستىن تەرەپنىڭ يەنە بىر تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتى ،بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىسرائىلىيىگە زەربە بېرىش ، بۇنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلچە پايدىسى يوق .ئەكسىنچە بۇنداق ھەرىكەت پەقەت توقۇنۇشنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۋېتىپ ،ۋەزىيەتنى ناچارلاشتۇرىدۇ ۋە توقۇنۇشنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرمەيدۇ .ئىسرائىلىيە قوشۇلمىغان ئەھۋالدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بارلىققا كەلمەيدۇ .


لايبورنىڭ باياناتىدا يەنە پەلەستىن تەرەپنىڭ بۇ تەدبىرنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن قوللانغان نەيرىڭى دەپ ئاتىدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىقنى مۇراجىئەت قىلدى ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىئوردانىيە 17- دېكابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە پەلەستىن تەرەپنىڭ بىر تۈرلۈك قارار لايىھىسىنى رەسمىي سۇنغان ئىدى .،لايھىدە ئىسرائىلىيىنىڭ بىر يىل ئىچىدە پەلەستىن تەرەپ بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى ھەمدە 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پەلەستىن زېمىنىدىكى ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان .

 

پەلەستىن رەھبىرى 14- دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، بىر نەچچە كۈندە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قارارنامە يوللاپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان پەلەستىن زېمىنىدىن چېكىنىش مۇددىتىنى ئىككى يىل قىلىپ بەلگىلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.


ئىگىلىنىشىچە، تېخىمۇ كۆپ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىمۇ يېقىندا يىغىن ئېچىپ، ئىلگىرىكى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق تەرتىپىنى قايتىدىن باشلاشنى قارار قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېررى: ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرغان ھەرىكەتلەرنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولمايمىز، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھازىرقى مەيدانى بىلەن پوزىتسىيىسىنى چۈشىنىشنى خالايمىز، دېگەن.ئۇزاقتىن بۇيان، پەلەستىن ئىزچىل تۈردە ھەقىقىي مەنىدىكى، ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى دۆلەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى، بىراق ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن پەلەستىننىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلدى.

ئەنگىلىيە رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 4 – دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىن ب د ت غا ئىلتىماس سۇنۇپ، شەرقىي ئېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان، ئىئوردانىيەنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززا رايونىدا دۆلەت قۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى رەت قىلىش ھوقۇقى ئارقىلىق پەلەستىننىڭ بۇ ئىلتىماسىنى رەت قىلىشنى ئۈمىد قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە پەلەستىن تەرەپنى «دۆلەت قۇرىدىغان زېمىن» دىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىشقا قارىتا ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېدى، بۇ خىل قارارنى چىقىرىش ھازىرچە سەل بالدۇر.


ئېگىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى جون كېررى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى رۇسىيەدە ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى بېنجامىن نېتانياخۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ياۋروپانى زىيارەت قىلىشنى باشلىۋەتكەن، ھەمدە لوندوندا پەلەستىن باش ئىجرائىيە سۆھبەت ۋەكىلى سائېب ئېركات ۋە ئەرەب ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇش ئىشلىرىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلغان. كېررى مۇنداق دېگەن، بۇ قېتىمقى جىددىي كۆرۈشۈشنىڭ مەقسىتى بولسا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىسرائىلىيەنىڭ 3 – ئايدىكى چوڭ سايلىمىدىن بۇرۇن تېزرەك تەكلىپ ئېلىپ چىقىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى سەل بوشىتىشتىن ئىبارەت.


پەلەستىن تەرەپ مۇنداق دېدى، ئۇلار 17 – چىسلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىر قارار لايىھەسى سۇنغان، بۇ قارار لايىھەسىدە ئىسرائىلىيە 2016 – يىل 11 – ئايدىن بۇرۇن «پەلەستىن زېمىنى» دىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ ئىشقا قارىتا، ئىسرائىلىيەدىكى ئالاقىدار زاتلار ئامېرىكىنىڭ پەلەستىننىڭ تەلىپىگە قارىتا ئىنكار بېلەت تاشلىشىنى ئۈمىد قىلغان، بىراق ئامېرىكا «ياق» دېيىشكە ئالدىرىمايدىغاندەك تۇرىدۇ، بەلكى ئىسرائىلىيە بىلەن ئەڭ زور دەرىجىدە ھەمكارلىشىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغاندەك ئەلپازى بار.خەۋەرگە قارىغاندا، ياۋروپا تەرەپ پەلەستىن، ئىسرائىلىيە مەسلىسىدە ئامېرىكا بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلغان، بىراق ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: «بىز تەرەپلەر بىلەن كېڭىشىشكە تىرىشىمىز، ئىختىدارىنىڭ بېرىچە جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنۇپ، زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرىدىن ساقلىنىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز». 

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :leglek



خەتكۈچلەر:
21-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek