ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە NPO قانۇن ۋەكىلى «تۇغۇت كەمسىتىشى تورى» خىزمىتى تېخى رەسمىيلەشمىگەن 158 نەپەر ئايال خىزمەتچىگە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە %36.1 ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن خىزمەتتىن چېكىنىش قاتارلىق تۇغۇت كەمسىتىشىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئاخىرىدا خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولىدىكەن ياكى ئىشتىن بوشىتىلىدىكەن.
تۇغۇت ئارام ۋە بالا بېقىش تەتىلىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كېلەلەيدىغانلار 20.3% نى ئىگىلەيدىكەن. «تۇغۇت كەمسىتىشى تورى» خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاپ رەسمىيلەشمىگەن ئايال خىزمەتچىلەرنىڭمۇ تۇغۇتتىن كېيىن نورمال خىزمەت قىلالىشىغا كاپالەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش 9-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تۇغۇت جەريانىدىكى توختاملىشىپ ياكى ياللىنىپ ئىشلىگەن 20-50 ياشقىچە بولغان ئايال خىزمەتچىلەر تەكشۈرۈلۈش ئوبىيكىتى ئىكەن.
تەكشۈرۈش جەريانىدا ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەھۋالنى سورىغان، %12.7 ئاياللار «ئۆزلۈكىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى» ئېيتقان، %5.1 ئاياللار «تۇغۇت ئارام ۋە بالا بېقىش تەتىلىدىن بەھرىمان بولغانلىقىنى ئەمما خىزمەت ئورنىغا قايتالمىغانلىقىنى» دېگەن.
قانداق قىلغاندا رەسمىيلەشمىگەن خىزمەتچىلەرنىڭمۇ تۇغۇتتىن كېيىنمۇ داۋاملىق خىزمەت قىلالايدىغانلىقىنى توغرىلىق سورالغاندا، كۆپ ساندىكى ئادەملەر:«خوجايىن ۋە خىزمەتداشلار تۇغۇت ئىشىنى توغرا چۈشەنسە ياخشى بولاتتى» دەپ جاۋاب بەرگەن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved