ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو 29-ئاپرېل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ۋە «ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار» مەسىلىسىدە كەچۈرۈم سورىماسلىقى ياپونىيە جامائەتچىلىكىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىدى ۋە گۇمانىنى قوزغىدى دېدى.
«ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئابې شىنزو نۇتقىدا «كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» سۆزلىرىنى ياغدۇرىۋەتتى، تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراشنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى. بۇ ئابې شىنزونىڭ تارىخىي كىشەندىن قۇتۇلۇشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
ياپونىيەنىڭ سىياسى ئوبزورچىسى مۇتازاۋا جىرو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئابې شىنزونىڭ نۇتقى كىشىلەرگە ئۇرۇشتىن ئاۋالقى ياپونىيەنىڭ قايتىدىن تىرىلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ياپونىيەنىڭ ھىندى ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياندا زومىگەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىمەكچى بولىۋاتقانلىقى ئىپادىسى.
توكيو خەۋەرلىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئابې شىنزونىڭ نۇتقىنىڭ مەزمۇنىدا جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىش ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئابې شىنزو يېقىندا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىرلىشىپ يېڭىچە «ئامېرىكا ياپونىيە مۇداپىئە ھەمكارلىق كۆرسەتكۈچى»نى ئېلان قىلىپ، ياپونىيە قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ يەر شارىدا تېخىمۇ ھۇجۇم خاراكتېرلىك رول ئويناپ، ئامېرىكا ياپونىيە ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ياپونىيەنىڭ ئەتراپىنى ئاساس قىلىشتىن يەرشارىغىچە كېڭىيىشىگە يول قويدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved