ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، شۇيەر ۋاقتى 4-يانۋار ھىندىستاننىڭ ئافغانىستان شىمالىدىكى شەھەر مازارى شايرىفدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا، ئافغانىستان ھەربىي قىسمىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە، بۇ ھىندىستان كونسۇلخانىسىنىڭ يېنىدىكى بىر ئىمارەت قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ كونتروللىقىدا تۇرماقتا ئىكەن.
ئېگىلىنىشىچە، بۇ قوراللىق ئۇنسۇرلاردا تانكا ئاتار، قول بومبىسى ۋە بىر تۈركۈم يىنىك تىپتىكى قوراللار بار بولۇپ، ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەن.
بۇ قوراللىق ئۇنسۇرلار ئەڭ باشتا ھىندىستان كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قوزغىماقچى بولغان بولۇپ، لېكىن ئافغانىستان ھەربىي قىسمى تەرىپىدىن توسۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، كونسۇلخانىنىڭ يېنىدىكى بىر ئىمارەتكە كىرىۋالغان، ھەمدە ئافغانىستان ھەربىي قىسمى بىلەن توقۇنۇشۇشقا باشلىغان.
ساقچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىرغىچە پەقەت بىر پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى جەزملەشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە بىرەر تەشكىلات بۇ قېتىملىق ھۇجۇمغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە قوشنا دومبىۋالىدىكى مەلۇم خىمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى.
...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، پېرۇ ساقچىلىرى لالىبېرتاد ئۆلكىسى (La Libertad) سالپو بازىرىدىكى مەلۇم قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش كانىنى پارتلىتىۋەتتى. قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى سىماب بۇل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved