فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 17- دېكابردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى دىريان 12- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، « شام ئىسلام دۆلىتى » تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بىرلىكتە زەربە بېرىش ئىشى توغرىسىدا سۆزلىشىدىكەن.
فرانسىيە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى ئامېرىكا ۋە رۇسىيەگە زىيارەتكە باردى، ھەمدە پارىژدا ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ۋە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن كۆرۈشۈپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، لى دىرياننىڭ بۇ قېتىم موسكۋاغا زىيارەتكە بېرىشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى رۇسىيە تەرەپنى ئۇلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى « شام ئىسلام دۆلىتى » تېررولۇق تەشكىلاتىغا بىرلىكتە زەربە بېرىشكە قايىل قىلىش ئىكەن. فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدىكى زاتلارمۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە ئىلگىرى ۋەدە بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىنى، ئەمما ھەر قانداق ئىشنى قەدەممۇ-قەدەم قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەدنى تەخىتتىن چۈشۈرۈش مەسىلىسىدە فرانسىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرسىدا پىكىر ئىختىلاپى ئېغىركەن. فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باش قوماندانى يىغىندا تونۇشتۇرۇپ، بۇندىن ئىلگىرى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا زەبە بېرىش نىسبىتىنىڭ %20 ئەتراپىدا بولغانلىقىنى، ئەمما فرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن، رۇسىيە نۆۋەتتە « شام ئىسلام دۆلىتى » تېررولۇق تەشكىلاتى نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش نىسبىتىنى %50 يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved