ھىندىستان خەلق پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان ھىندىستان فېدىراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى زۇڭلىسى نارېندرا مودى 26-ماي يېڭى دېھلىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.
مودى 1950-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ھىندىستاننىڭ گۇجارات ئۆلكىسىدە بىر تۆۋەن قاتلام ئائىلىدە تۇغۇلغان، بالىلىق مەزگىللىرىدە دادىسىغا ياردەملىشىپ چاي ساتقان، كېيىن گۇجارات ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، سىيات پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، مودى ھىندى دىنى پىدائىيلار تەشكىلاتى خەلق پىدائيلار ئەتىرىتىگە رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرگەن. 1985-يىلى، مودى ھىندىستان خەلق پارتىيەسىگە كىرگەن. 1988-يىلى، مودى مەزكۇر پارتىيەنىڭ گۇجارات ئۆلكىسىدىكى تەشكىلاتىنىڭ كاتىپى بولغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ سىياسىي مۇنبەرگە رەسمىي قەدەم قويغان.
مودىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، ھىندىستان خەلق پارتىيەسى 1995-يىلى گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ پارلامنېت سايلىمىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1995-يىلى، مودى ھىندىستان خەلق پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولغان. 1995-يىلى، مودى گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ مىنىستىرلار باشلىقى بولغان، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇدا مۇشۇ ۋەزىپىدە بولۇپ، گۇجارات ئۆلكىسىدە ئەڭ ئۇزاق مەزگىل مىنىستىرلار باشلىقى بولغان ئەمەلدار بولۇپ قالغان.
مىنىستىرلار باشلىقى بولغان مەزگىلدە، مودى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزگەن. چەت ئەلنىڭ مەبلىغى ۋە تەجرىبىسىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، مودى يەنە كۆپ قېتىم جۇڭگو، ياپونىيە ۋە سىنگاپورلاردا زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن، گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ھىندىستان بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ، ‹‹ھىندىستاندىكى گۇاڭدۇڭ›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن. بۇ ئۆلكە ھىندىستاندىكى ئەڭ باي، تەرەققىي قىلغان ئۆلكىگە ئايلانغان. مودى مۇشۇ ئىشلىرى بىلەن ھىندىستان ئىقتىسادىدىكى ئىقتىدارلىقلار ساھەسىدىكىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ، ھىندىستان سىياسىي مۇنبرىدىكى كاتتا سىياسىي چولپانغا ئايلانغان. 2013-يىلى 9-ئايدا، مودى ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ 2014-يىللىق زۇڭلى رىقابىتى نامزاتى بولغان.
سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە، مودى بىر ‹‹يېڭى ھىندىستان›› بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زامانىۋى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى، چىرىكلىكنى تۈگىتىپ، پۇقرالاررنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقى ھەمدە پۈتۈن ھىندىستاننى گۇجارات ئۆلكىسىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئاخىرىدا ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ياشلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
بۇ يىل 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھىندىستان خەلق پارلامېنتىنىڭ سايلىمىدا، ھىندىستان خەلق پارتىيەسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن سايلامدا غەلىبە قىلغان. ئالاقىدار قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئاساسەن، مودى رەھبەرلىكىدىكى ھىندىستان خەلق پارتىيەسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھىندىستان فېدىراتىپ ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن، يەنە ئۇ بۇ پارتىيەنىڭ داھىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved