ئۈرۈمچىدە ماشىنا ئىگىسى ماشىنىنى تاقىمىدى، ئوغرى پۇرسەتتە «قارا تاكسى»چىلىق قىلدى

      بىخەسىتە شوپۇر ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپ ئەتمىگەن، بۇنى كۆرگەن جاڭ ماشىنىنى ئوغرىلاپ ھەيدەپ ماڭغان ھەمدە يولۇچى توشۇپ پۇل تاپقان. تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 32 ياشلىق جاڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر رېستۇراننىڭ كۈتكۈچىسى بولۇپ، خىزمەتتە دائىم ھورۇنلۇق قىلغاچقا، 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىشتىن توختىتىۋېتىلگەن. ئىقتىسادىي مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالغان جاڭ تىرىكچىلىك غېمىدە يۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھورۇن بولغاچقا يېڭى خىزمەت تاپقۇسى كەلمىگەن.

     بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىلگىرىكى خىزمەتدېشىنىڭ بىر سودا-ساراينىڭ ئالدىغا ئېتىلمىگەن پىكاپنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت توختىتىپ قويۇلغانلىقى ھەققىدە دېگەن گېپىنى ئەسكە ئالغان جاڭ بۇ ماشىنىنى تاپقان ھەمدە ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ھەقىقەتەن ئېتىلمىگەنلىكىنى بايقىغان. ئەمما سودا-ساراينىڭ ئالدىدا كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىنى ئويلاپ، كەچرەك قول سېلىشنى پىلانلىغان.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن جاڭ ماشىنىنىڭ قېشىغا كېلىپ كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئوغىرلىقچە ھەيدەپ كەتكەن. ئىككىنچى كۈنى جاڭ رېمونتچىنى چاقىرىپ كەلگەن، رېمونتچى جاڭنىڭ كىنىشكىسىنى تەكشۈرمەيلا ماشىنىنىڭ بىر يۈرۈش قۇلۇپىنى ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ جاڭ پىراۋىسىز ھالەتتە ئوغرىلاپ كەلگەن ماشىنىسى بىلەن تىجارەت قىلغان.

نەچچە كۈندىن كېيىن ماشىنىنىڭ ئىگىسى ماشىنىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ تېزدىن ساقچىغا مەلۇم قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ناھايىتى تېزلا جاڭنى قولغا ئالغان.

    ئىگىلىنىشىچە، 2012-يىلى جاڭ ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، تۈرمىدىن چىققىلى ئۇزۇن بولمىغانىكەن.



خەتكۈچلەر:
07-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-02-2016
مىسىر تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 11 -فېۋرال سەھەردە ئاسۋاندىن پايتەخت قاھىرەگە ماڭغان پويىز بەنسىف شەھىرى ئەتراپىدا رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 73 ئادەم يارىلانغان. مىسىر تىرانسىپورت مىنى...
06-02-2016
          يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ. 1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش    باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
06-02-2016
         يىقىندا، ھىندىستان JBM گوروھى 2016-يىللىق ھىندىستان ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە پۈتۈنلەي يېڭى نۇسخىدىكى توكلۇق ئاپتوبۇسى EcoLife نى ئېلان قىلغان. بۇ توكلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى JBM بىلەن پولشا ئاپتوبۇس شىركىتى...
05-02-2016
       4-فېۋرال سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە گۇاڭشى گۈي ليۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى گۈيلىندىن ليۇجۇ يۆنىلىشىدە بىر خېيلۇڭجياڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان يېرىم چاتما پرىتسېپلىق يۈك ئاپتوموبىلىغا ئوت كېتىپ، گۈيلىن ليۇجۇ ...
05-02-2016
        ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى         شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
05-02-2016
          چاغاندىن ئاۋۋالقى تۆت كۈندە شىنجاڭ ئىچىدىكى قىسقا ئارلىققا قاتنايدىغان يولۇچىلارنى توشۇش باشلاندى. 4-فېۋرال تۆمۈر يولدىكى يولۇچىلار ئېقىمى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى جەنۇب...
05-02-2016
     ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ج خ مىنىستىرلىقى، قاتناش -تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدەشنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ بىۋاستە شوپۇرلۇق...
04-02-2016
        3-فېۋرال ئەتىگەن سائەت 9:50 ئەتراپىدا، تۇرپان-ئۈرۈمچى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولىنىڭ ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا قاراپ ماڭغان يۆلىنىشتىكى تۇز كۆل ھەق تاپشۇرۇش پونكىتىغا 50 مېتىر كېلىدىغان يول بۆلىكىدە، يول زىيادە تېيىلغا...
04-02-2016
       مۇخبىرنىڭ 3-فېۋرال قاتناش -تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 24-يانۋاردىن 2-فېۋرالغىچە بولغان چاغاندىن بۇرۇنقى 10 كۈندە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى ۋە ھاۋا يولىدا ئۇزىتىلغان يولۇچى مىقدارى 740...
03-02-2016
      خېيۈەن شەھىرى زىجىن ناھىيىسىدىكى مەلۇم تورداشنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈنۈگۈن (2-فېۋرال) چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 لەر ئەتراپىدا زىجىن ناھىيىسى گۇجۇ بازىرى شاڭشيادۇڭ كەنتى يول بۆلىكىدە غەيرىي قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇ...
Powered by Leglek