چەتئەل تورى 4- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى تېلېگىراممىسى، پايدىلنىش ئۇچۇرتورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، چەتئەل ئاخباراتچلىرى، ياپونىيە ئەلچىسى كىيېۋغا ياردەم بىرىشكە ۋەدە بىرىپ، روسىيەنىڭ قىرىمغا بولغان ھەرىكىتىنى ئەيبىلەپ، جۇڭگۇنىڭ قىرىم كىرزىسىدە بىتەرەپلىكنى ساقلىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەمدە توكيونىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇكرائىنىادىكى تەسىرنى كىڭەيتىدىغانلىقىنى، خەۋەر قىلىدى.
روسىيە< مۇستەقىللىق گېزىتى> نىڭ 4- ئاينىڭ 7- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسەن، ياپونىيە سىياسەتچىسى، بېيجىڭمۇ بەلكىم روسىيەگە تەقىلد قىلىپ، تېرىتورىيە تالاش - تارتىشى بولۋاتقان بىلىق تۇتۇش ئارىلىنى ئىگەللىشى مۇمكىن، دەپ ئېلان قىلدى.
ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگىر ياپونىيە تەرەپكە، ۋاشىڭتوننىڭ ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچۇرشىدىن ساقلىنىشىغا يارەم قىلىدىغانلىقنى، بىلدۈردى.
ياپونىيە ئۇكرائىنا - روسىيە توقۇنۇشىدا كىيېۋ تەرەپتە تۇردى. ياپونىيە ئەلچىسى ئۇكرائىنا قۇشۇمچە تاشقى مىنىستىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزگەندە، روسىيەنىڭ قىرمنى يۇتۋىلىشى بولسا خەلقئارا قانۇننى ئانى تاپقانلىق، ياپونىيە ھەرگىز ھەر قانداق قورال ئارقىلىق ھازىرقىنى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە قاتناشمايدۇ، دەپ ئىپادە بىلدۈردى. ياپونىيەنىڭ كىيېۋدا تۇرۇشلۇق ئەلچسىنىڭ تەستىقلىشىچە، ياپونىيە ئۇكرائىناغا 1.5 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم قىلىدىكەن. بۇندىن باشقا ئىككى تەرەپ يەنە مەبلەغ سىلىش جەھەتلەردىكى مۇمكىنچىلىكلەرنىمۇ سۆھبەتلەشكەن.
ياپونىيە ئەلچىسى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئەگەر 5 -ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۇكرائىنا زوڭتۇڭ سايلىمى ئادىللىق بىلەن ئوچۇق ئۆتكۈزۈلسە، روسىيە تەرەپ ئۇكرائىنا ھۆكىمىتىنىڭ قانۇنلىقىدىن گۇمانلانمىسمۇ بولىدۇ، ياپونىيە تەرەپ ئۇكرائىناغا كۆزەتكۈچى خادىم ئەۋەتىدۇ.
قىرىم كىرزىسى يۈز بىرىشتىن بۇرۇن، بېيجىڭمۇ كىيېۋ بىلەن دۆلەت مۇداپئىە تەرەپلەردىن قويۇق مۇناسىۋەتنى ئۈزمىگەن. ئەمما قىرىمنىڭ روسىيەگە قىتىلىشى ئىشىدا، جۇڭگۇ بىتەرەپلىكنى ساقلىغان. توكيومۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ، شەرقىي ياۋروپادىكى تەسىر كۈچى تالىشىش كۈرشىدە ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقبلىرىدىن ئىشىپ كېتىشنى ئۈمىد قىلغان.
خەۋەردە، ياپونىيە دۆلەت ئىچىدە، قىرىم كىرزىسى جۇڭگۇغا قارىتىلغان تەشىۋىق جېڭىغا سەۋەب بولغان. بىر قىسىم ئانالىزچىلار بەس -بەستە ئىپادە بىلدۈرۈپ، جۇڭگۇ بەلكىم روسىيەنىڭ قىلمىشىدىن ئىلھاملىنىپ، بىلىق ئارىلىنى يۇلۇپ ئالىدۇ، دېيىشتى.ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى: قىرىم ئويۇننىڭ قائىدىسىنى ئۆزگەرتتى. بۇ بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان يىراقتىكى ئىش ئەمەس.
ھازىر كۆتۈرلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرنىدۇ، جۇڭگۇمۇ بەلكىم ئوخشاش ھەرىكەت ئېلىپ بىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ياپونىيە ئەمەلدارلىرى ئامېرىكنىڭ ياپونىينى قوغداش مەجبۇرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرشكە تىرشماقتا، دېدى.
روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرق تەتقىقاتچىسى ۋىكتور پاۋىليجنوف، جۇڭگۇنىڭ بىلىق تۇتۇش ئارىلنى يۇلۇپ ئىلىش مىش - مىش گەپلىرىنى بەلكىم ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسى تارقاتقان، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە: قىرىم بىلەن ئادەمسىز ئارالنى سىلىشتۇرۇش ئەقىلگە سىغمايدۇ، قرىم خەلقنىڭ ئىختىيارى تاللاش ئەركىنلىكى بار، ئەمما بىلىق تۇتۇش ئارلىنى يۇلۇپ ئېلىش بولسا بىر دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلغانلىق بولىدۇ، جۇڭگۇ - ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد، سىياسەت، بىخەتەرلىق مەسىللىرىدىكى كىلىشەلمەسلىك، ئويلىغانكىدەك چوڭىيىپ كەتكىنى يوق، ئاسىيا رايونىدا قىرىم سىېنارىيسى قايتا ئوينالمايدۇ، دېدى .
پاۋىليجنوفنىڭ قارىشچە، ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياپونىيە ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى، ياپونىيەدىن ئايرىلسا، ئامېرىكا ئاسىيا رايونىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە ئامالسىز. ئەمما ئامېرىكا جۇڭگۇ - ياپونىيەنىڭ دوقۇرشۇپ قىلىشىنى خالىمايدۇ.
ئامېرىكىمۇ جۇڭگۇنىڭ ئاسىيا رايونىدكى ئورنىنى ئېتراپ قىلىدۇ. بۇمۇ ئۇكرائىنا ۋەزىيتى بىلەن ئوخشاشمىغان بىر تەرەپتۇر.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved