سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى ئېرىس خولدېر شۇ يەر ۋاقتى 12- ئاينىڭ 4-كۈنىلا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ نيۇيوركتا ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئېرىس گانانى ئۆلتۈرۈش دىلوسىغا چېتىشلىق ئاق تەنلىك ساقچى دانىر پانتالىئوننى جىنايى ئىشلار خەلق ھوقۇقى بويىچە ئىمكانقەدەر تېز تەكشۈردىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى .
ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى ئېرىس خولدېر شۇ يەر ۋاقتى 4-دېكابىر ئوخىئو شتاتىدىكى كىلۋولانت شەھىرىدە ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇستەقىل ۋە ئادىل تېز تەكشۈردىغانلىقىنى بىلدۈردى .ئۇ يەنە پاكىت ئىشەنچىلىك ۋە تۇلۇق بولسا ئەيبلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى .ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئېرىك گانانى ئۆلتۈرۈش دىلوسىغا چېتىشلىق ئاق تەنلىك ساقچى دانىر پانتانى ھازىر ئىچكى تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلىۋاتقان بۇلۇپ تەكشۈرۈش ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالىدا ساقچى دائىرلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىدە چەكلەنگەن بۇغۇپ ئۆلتۈرۈش ھوقۇقىنىڭ بار يوقلىقىغا مەركەزلەشكەن .
بۇ يىل ئىيۇلدا پانتانىئو تاماكا ساتىدىغان گانانى تۇتقاندا ئۇنىڭ كېكىردىكىنى سىقىپ يىقىتقان ۋە ئۇنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .نيۇيورك سوت مەھكىمىسى چوڭ زاستاتىللار ئۆمىكى 3-دېكابىر بېلەت تاشلاپ پانتالىئو ئۈستىدن قىلىنغان ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى .مەزكۇر ھۆكۈم يەرلىك خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى .خولدېر شۇ كۈنى يەنە كىلۋولانت شەھىردىكىلەرنىڭ ساقچى سېستىمىسغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىدى .
خولدېر كىلۋولانت شەھەرلىك ساقچى دائىرلىرىنىڭ دېلو بېجىرىش جەريانىدا ئومۇمەن قورال ئىشلىتىش ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ساقچى تەرەپنىڭ دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ پۇقرالار ئارىسىدىكى ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved