رۇسىيەنىڭ تىرىشچانلىقى ئىراقنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمىدى
       ئىراق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن تۈركىيەگە ئىراقتىكى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۆتۈندى، رۇسىيەنىڭ تىرىشچانلىقى ئىراقنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمىدى.ئىراق زۇڭلىسى ھەيدەر ئابادى 8-دېكابىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يانس ستولتېنبېرگقا تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭدىن تۈركىيەگە ئىراقتىكى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۆتۈندى.رۇسىيە شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېپىق كېڭىشىنى چاقىرىپ، تۈركىيەنى يەنە قاراملىق قىلماسلىققا دەۋەت قىلدى.ئابادى ستولتېنبېرگقا مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى تۈركىيە ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى ياكى بەرگەن ھوقۇقىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا چېگرا ئاتلاپ ئەسكەر ئەۋەتىپ، «ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى ئىگەللىۋالغان موسۇل شەھىرىگە يېقىن ئەتراپتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلدى.ئابادى بىر باياناتتا: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى نوپۇزىنى ئىشقا سېلىپ، تۈركىيەنى ئىراقتىن دەرھال قوشۇن چېكىندۈرۈشكە دەۋەت قىلىشى كېرەك، دېدى.ئىراق تېلېۋىزىيەسىدە شۇ كۈنى مۇنداق خەۋەر بېرىلدى: ئىراق شۇ كۈنى كەچتە بىرقانچە ھەربىي ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ، تۈركىيە قىسمى جايلاشقان جايلارنى رازۋېدكا قىلدى.تۈركىيە ھەربىي خادىملىرى دېكابىرنىڭ باشلىرىدا ئىراققا كىرگەن، تۈركىيە بۇنى چېنىققۇچىلارنىڭ قەرەللىك پوست ئالمىشىشى، مەقسەت ئىراقنىڭ «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىپ، موسۇلنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىش، دېگەن. ئىراق ھۆكۈمىتى 6-دېكابىر مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر تاجاۋۇز قىلدى، تۈركىيەدىن 48 سائەت ئىچىدە ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىمىز، بولمىسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەرز سۇنۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرىكەت قوللىنىمىز.ئېنىقكى، ئىراقنىڭ ئۇلتىماتۇمى نەتىجىسىز قالدى. تۈركىيە 350 ھەربىدىن تەشكىل تاپقان ئىككىنچى تۈركۈمدىكى قىسىمنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈپ موسۇلغا كىرىشىنى ۋاقتىنچە توختاتتى، ئەمما كىرىپ ئورۇنلىشىپ بولغان قىسىملىرىنى چېكىندۈرمىدى.تۈركىيە قىسمىنىڭ ئىراققا كىرگەنلىكى توغرىسىدا، رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى ۋىتالى چۇركىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى چاقىرىپ، يېپىق يىغىن ئاچتى.چۇركىن مۇنداق دېدى: بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنىڭ بېشى قىززىپ قالغان تۈركىيەنى سەگىتىپ قويۇشىنى، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ئىراق ھۆكۈمىتى رازى بولىدىغان ئۇسۇلدا ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.چۇركىننىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتىشى ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ تاسادىپىلىق ئىكەن، بۇ تۈركىيەنىڭ ئويلىمىغان ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن، بۇ ھەرىكەت ئىراقلىقلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپلا قالماي، ئامېرىكىنىمۇ تەڭلىكتە قالدۇرغان.ئۇ تۈركىيەنى سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق جايدا يەنە قاراملىق قىلماسلىققا دەۋەت قىلدى.ئەمما رۇسىيەنىڭ ئالدىراقسانلىقى كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى، ھەتتا ئىراقمۇ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتمىدى.ئىراقنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى مۇھەممەد ئەلى ھاكىم شۇ كۈنى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: بىز ئۈچۈن ئەسقاتىدىغىنى ئىراق بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك سۆزلىشىشى، بۇ سۆزلىشىش ھازىر ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ.ئۇنىڭ سۆزىچە، رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى چاقىرىپ تۈركىيەنىڭ ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن بۇرۇن، ئىراقنىڭ پىكرىنى ئالمىغان.رۇتېر ئاگېنتلىغى باھا بېرىپ، رۇسىيەنىڭ بۇنچە ئاكتىپ بولۇشى 24-نويابىر تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، رۇسىيە تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىدىغان پۇرسەتلەرنى ئىزدىمەكتە، دېدى.تۈركىيە زۇڭلىسى ئەھمەد داۋۇتئوغلى مۇنداق دېدى: تۈركىيە رۇسىيە بىلەن سۆزلىشىشكە تەييارلىنىپ بولدى، ئەمما ھەرقانداق نەرسىنى بىزگە تېڭىشقا مەڭگۈ يول قويمايمىز. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: رۇسىيە جازا تەدبىرى قوللانغان ئەھۋالدا، زۆرۈر بولسا، بىزمۇ جازا قوللىنىمىز.


خەتكۈچلەر:
10-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
24-05-2016
    بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى تۇرمۇش تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان شىۋېتسارىيە ھەر ئايدا پۇقرالىرىغا ھەقسىز 2500 ئامېرىكا دوللىرى تارقىتىش مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلىۋېتىپتۇ.شىۋېتسارى...
24-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىستانبۇلدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئىنسانپەرۋەرلىك يىغىنىدا گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى مېركىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۆز ق...
24-05-2016
    بىلۇمبېرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نېفىت بازىرىنىڭ خارابلىشىشى رۇسىيەدە ساقلىنىپ قالغان باشقا ساھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلار گۈللەپ ياشناش ئۇسۇلىنى تاپتى.     رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن مالىيە...
24-05-2016
    ئاسىيا-ياۋروپا تورى خەۋىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە تۇرۇشلۇق تاجىكىستان ۋاكالەتخانىسىنىڭ مۇدىرى مالكوۋىچنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 5740 تاجىكىستانلىق رۇسىيەگە كۆچمەن بولۇش پىلانىغا قاتنىشىشقا ئىلتىماس سۇنغان،...
24-05-2016
يەر شارى تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ريېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ بىرىلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى دائىمىي ئىش بېجىرىش ئورنىدا ت...
24-05-2016
شىنخۇا تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىرمىنىڭ شىمالىدىكى كاچىن شىتاتىدىكى بىر قاشتاش كانىدا 24- ماي گۆمۈرلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، تەخمىەن 100 ئادەم كان قۇدۇقى ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان،...
24-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن ئاق رەڭلىك كالتا يەڭ كۆڭلەك كىيىپ، كۆز ئەينەك تاقىۋالغان ھالدا تۇز مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەمدە خى...
24-05-2016
يەر شارى تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا ۋول كوچىسى گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 5- ئاينىڭ 23- كۈنى ھىندىستان زۇڭلىسى مۇدى، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى ۋە ئىر...
24-05-2016
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 24-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     BNO News تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن ئىشتاتتىكى ئون نەچچە مەكتەپ پارتلىتىش تەھدىتى سەۋەبىدىن تاقالغان. &n...
24-05-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 23-ماي، چېلسى گۈل كۆرگەزمىسى ئەنگلىيەنىڭ لوندوندا باشلانغان بولۇپ، خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى ۋە جەمئىيەتتىكى مەشھۇر ئەربابلارنى ئېكىسكۇرسىيەگە جەلىپ قىلغان. يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «چېلسى گۈل كۆرگە...
Powered by Leglek