نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئۈچ باسقۇچ

ئىككى ياش يېڭى نىكاھ تۇرمۇشىنى باشلىغاندا بېشنىڭ باش، ئايىغىنىڭ تاش بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، قىسمەن ئەر-خوتۇنلار ھەقىقەتەنمۇ ئارزۇسى بويىچە بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىدۇ، بىراق يەنە بىر قىسىم ئەر-خوتۇنلار كېلىشەلمەي، نىكاھىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەر-خوتۇنلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا ئۈچ خەتەرلىك باسقۇچ بولىدۇ، مۇشۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپلا كەتسە، نىكاھى مۇستەھكەملىنىدۇ.

 


1. توي قىلغان تۇنجى يىلى. قىز -يىگىت تويدىن كېيىن ئائىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ھوقۇقىنى تالىشىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ئېلىشىدۇ، بىر-بىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە كۆنەلمەي بىئارام بولىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرۈپ پۇشايمانمۇ قىلىدۇ. خوتۇنى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن قىسمەن ئەرلەر تالاغا قاراپ قالىدۇ، مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى نىكاھ بۇزۇلىدۇ.

 


2. تويدىن كېيىنكى ئۈچىنچى يىلى. قىز بىلەن يىگىت قايناق مۇھەببىتنىڭ كۈچىدە تويدىن كېيىنكى تۇنجى يىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈۋالغان بولسا، ئۇنداقتا يات جىنىسلارنىڭ يېڭىلىق تۇيغۇسىنىڭ مۇھەببەتكە تەرەققىي قىلىپ تاكى بىر-بىرىدىن زېرىكىدىغان ۋاقتىنىڭ ئارانلا ئۈچ يىل بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىۋېلىشى كېرەك، يەنى ئەر-خوتۇن توي قىلغاندىن كېيىن بىر-بىرىگە يول قويۇش، كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى، بىر-بىرىگە بىھۇدە ئازار بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۈچ يىل بەرداشلىق بەرگەن نىكاھنىڭ مۇھەببەت پۇرىقى يوقاپ، ئىككى تەرەپنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.

 


3. تويدىن كېيىنكى يەتتىنچى يىلى. ئەر-خوتۇننىڭ نىكاھى يەتتىنچى يىلىغا ئۇلاشقاندا، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار، خىزمەت بېسىمى، ھېسسىياتنىڭ تەدرىجىي سۇسلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلگىرىكى قىزغىنلىقىنى يوقىتىدۇ. ئەر-خوتۇندا تاپتىن چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەر-خوتۇنلار بۇ مەزگىلدە نىكاھىمنى داۋاملاشتۇرىمەن، دەيدىكەن، قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىنى تۇتۇۋالغاندا ئۇنى كۈنبويى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، خاتالىقىنى تۈزىتىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا نىكاھ ساقلاپ قېلىنىدۇ. مۇشۇ باسقۇچنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئەر-خوتۇننىڭ نىكاھى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
06-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى، 13- ماي تېلېگراممىسى. كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش جەھەتتىكى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارغا بولغان جىددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كېيىنكى بەش يىلدا، شىنجاڭ كەسپىي مائارىپنى ز...
16-05-2016
مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت يېقىندا تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىغا 2016- يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ پىلانىنى چۈشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈز...
12-05-2016
    مۇخبىرنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسقا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قى...
11-05-2016
2016-يىلى 9-ماي، چۇڭچىڭ شاڭچىڭسىدىكى ئەڭ گۈزەل كىتابخانىدا كىشىلەر كىتاب كۆرمەكتە. كىتابخانا ياۋروپا ئۇسلۇبىدا بولۇپ، گۈزەل، تىنچ مۇھىت كىتاب يازىدىغانلار ۋە كىتاب ئوقۇيدىغانلارنى بىر يەرگە جەم قىلغانىدى، بۇ يەرد...
11-05-2016
    «بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 7 مىليون 650 مىڭ بولۇپ تارىختا يېڭى رېكورت ياراتقان. بۇنىڭغا ئوتتۇرا، كەسپىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوشقاندا بۇ ئىككى تۈردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئ...
10-05-2016
    چەرچەن ناھىيەسى يېقىندا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 463 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئائىلە ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىپ، ئۇلارغا 442 مىڭ يۈەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تاقىتىپ بەردى.     ئىگىلىنى...
10-05-2016
    «كىتابخانا تورى www.kitabhana.com» بىلكان شىركىتى ۋە بىر قانچە كىتابخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا يولغا قويۇلغان تۈر بولۇپ دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى نەشرىياتنىڭ قانۇنلۇق نەشر قىلغان ئەڭ يېڭى، بازارلىق، رەسمىي نەشرىدىكى مەتبۇئاتل...
10-05-2016
    مۇخبىرىمىز ئاينۇر سەيدىنھاجى خەۋەر قىلىدۇ: ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئون ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇيدىغانلاردىن ...
10-05-2016
    بېشىغا بىخەتەرلىك قالپىقى كەيگەن، بىخەتەرلىك ئارغامچىسى باغلىۋالغان 12 دەرەخكە يامىشىش مەشقاۋۇلى باش مەشقاۋۇلنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سۇجۇ شەھىرى پەنمىندىكى پۇراقلىق كامفورا دەرىخى ئورمانلىقىدا بىر قەدەم بىر قەدەمدىن د...
09-05-2016
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىنەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە تارماق يېقىندا «ياشلار-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى پىكىر» نى ئېل...
Powered by Leglek