سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى ئېچىلدى

    جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى 10 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ «خەلق» سارىيىدا ئېچىلدى. بەش يېرىم كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىن جەريانىدا، 500دىن ئارتۇق ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزۈپ، ئاكتىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە كۈچ چىقىرىدۇ.

     شىنجاڭ «خەلق» سارىيىنىڭ يىغىن زالىدا كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولۇپ، «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسىلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكات زالنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئېسىلغانىدى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان سىياسىي كېڭەش گېربى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق سىياسىي كېڭەش گېربىنىڭ ئىككى تەرىپىگە رەتلىك تىزىلغانىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، ماغاۋ سېيىتقامزا، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، باش كاتىپ ليۇ جېنچياڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

   جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى ۋە رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 524 بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا 481 ئەزا قاتناشتى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:30دا، ليۇ يەنلياڭ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شىئېرىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئورۇنلىدى.

يىغىندا، ئاۋۋال يىغىن كۈنتەرتىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.


  يىغىندا، نۇرلان ئابىلمەجىن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

نۇرلان ئابىلمەجىن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2015 - يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقلىق، دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، كۈچنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چىڭ تۇتتى. ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشنى ئاساس قىلىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى؛ ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەنى ئاساسىي تېما قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىدى؛ «تۆت ئومۇميۈزلۈك»نى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى چىڭ تۇتقان ئاساستا، چارە - تەدبىر كۆرسەتتى؛ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى يولى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇھىم يوللۇق ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى؛ پاكىز شىنجاڭ قۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى؛ «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ۋاسىتە قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئۇلارنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىدى.

نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويغان تۇنجى يىل. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويماقتا. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇ يىللىق تۆت نۇقتىلىق خىزمىتى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىرىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ئىسلاھات، تەرەققىيات بويىچە كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا كۈچەپ، «13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان»نى يولغا قويۇشقا چارە - تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن پائال تۈردە چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئاكتىپ كۈچ چىقىرىش كېرەك. تۆتىنچى، دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش خاراكتېرىدىكى فۇنكسىيە ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇش كېرەك.

نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم ئىدىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ «كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش، كۈچ چىقىرىش» سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم. ئەزالار قوشۇنى، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكىلەر قوشۇنى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى، ساھەلەر، پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك ئەزالىق ئېڭى، سىياسىي كېڭەش ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»، «تۆتتە كۈچلۈك بولۇش»، «ئۈچ كۈچ» تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، دادىل ئۈستىگە ئېلىش، ئۈنۈمنى كۆزلەش روھىي ھالىتىدە تۇرۇپ، سىياسي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

جۈرئەت ئىمىن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

خۇا شىفېي، ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، چيەن جى، شى داگاڭ، جۇ چاڭجيې، مۇتەللىپ قاسىم، جارۇللا ھېسامىدىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، تيەن ۋېن، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋىي، سەمەت مەمەت، ۋاڭ جىلياڭ، يەن فېنشىن، مۇتەللىپ ئۇبۇل، گو ليەنشەن، نىشان ئىبراھىم قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم مەسلىھەتچىلىرى، مەدەنىيەت - تارىخ يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، بىر قىسىم ئوبلاست، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولمىغان پارتگۇرۇپپا شۇجىلىرى ۋە رەئىسلىرى، ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىلىرى ۋە مۇدىرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر)لىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈملىرىنىڭ باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىرى ۋە پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈملىرىنىڭ باشلىقلىرى، ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى ۋە ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولمىغان مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.



خەتكۈچلەر:
11-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
23-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ماي مانىلادىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 22-چېسلا سەھەردە فىلىپپىن پايتەختىنىڭ چوڭ مانىلا رايونىدا ئاياغلاشقان بىر مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىدىن بىر شۇم خەۋەر تارقالغان بولۇپ، بەش تاماشىب...
Powered by Leglek