خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ئاپتونوم رايونلۇق يول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، قەشقەر-ئەركەشتام، مەكىت-قەشقەر، ئاقسۇ-قەشقەر، ئاچال-يەكەن يولى قاتارلىق جەمئىي 36 ھەق ئېلىش پونكىتىدا ھەق ئېلىش باشلاندى.
بۇ ھەق ئېلىش پونكىتلىرى:
قەشقەردىن ئەركەشتامغىچە بولغان يول بۆلىكىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بۆلىكىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇشتا بىر ئاساسىي لېنىيە ھەق يىغىش پونكىتى، ئاقمارال پونكىتى؛ مەكىتتىن قەشقەرغىچە بولغان يول بۆلىكىدە مەكىت ۋە قەشقەر قاتارلىق ئىككى ئاساسىي ھەق ئېلىش پونكىتى، پەيلو، تاجىك، 42-پولك، يوپۇرغا، جانباز، شاپتۇل، ئاققاش قاتارلىق 7 ئارا يول ھەق ئېلىش پونكىتى؛ ئاقسۇدىن قەشقەرگىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا قۇمقۇدۇق قاتارلىق ئىككى ئاساسىي لېنىيە ھەق ئېلىش پونكىتى، قۇمقۇدۇق، چىلان، پەيزىۋات باش مەيدانى، شېكەر، كاتتايلاق، ئاتۇشنىڭ شەرقى، غەربى، ئازاق، ئۇلۇغچات قاتارلىق 15 ئارا يول ھەق ئېلىش پونكىتى؛ مارالبېشى، ئاقساقمارال، سېرىقبۇيا، ئاۋات، يەكەننىڭ شىمالى قاتارلىق پونكىتلار تەسىس قىلىندى. ھەق ئېلىش مۇددىتى ۋاقتىنچە 20 يىل قىلىپ بەلگىلەندى.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved