شىياۋمى يىقىندا «قوش 12» كۈنىگە ئاتالغان ئىتىبارلىق سېتىش پائالىيىتىنى ئېلان قىلغانىدى، بۈگۈن خۇاۋېيمۇ «قوش 12» نى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن روڭياۋ 7 يانفونىنىڭ باھاسىنى 200 يۈەن چۈشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، خۇاۋېي روڭياۋ يانفون كەسپى تارمىقىنىڭ باش دېرىكتورى جاۋ مىڭ ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، خۇاۋېي روڭياۋ 7 يانفونى ھەممىباب تور نۇسخىسىنىڭ باھاسىنى بىراقلا 200 يۈەن چۈشۈرىدىغانلىقى، سېتىلىش باھاسىنىڭ ئەسلىدىكى1999 يۈەندىن 1799 يۈەنگە تەڭشىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇ يانفوننىڭ سەپلىمىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا ئېنىقلىقى 1080p بولغان 5.2 دىيۇملۇق ئېكران، كىرىن 935 تىپلىق سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16G لىق ئاساس ساقلىغۇچ، سەككىز مىليون ۋە 20 مىليون پىكسېللىق كامېرا، شۇنداقلا 3100 مىللىئامپىرلىق باتارىيە سەپلەنگەن. ئاندىرويىد 5.0 ئاساسىدىكى خۇاۋېي EMUI 3.1 ناملىق مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان، قوش كارتىنى تەڭ قوللايدىكەن.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، خۇاۋېي ئورگان تورى سودا شەھەرچىسىدە، روڭياۋ 7 نىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى دېگەن جايغا «EMUI 3.1» دەپ يېزىلىپ، ئارقىسىغا «ئاندىرويىد 5.0 نى قوللايدۇ» دەپ ئەسكەرتىلگەن، ئەجىبا، خۇاۋېي بۇنداق يېزىش ئارقىلىق « EMUI 3.1 بولسا خۇاۋېي ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىققان مەشغۇلات سىستېمىسى، ئاندىرويىد ئەمەس» دېمەكچىمىدۇ؟
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved