ئۇلارنىڭ ئىسمى كىچىك كۆك پىنگۋىن (يەنە ئىلاھى پىنگۋىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، پىنگۋىن تۈرى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك تۈر ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 40 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، بەدىنىدە كۆپ رەڭلىك پەيلەر بار.ئۇلار ئەسلى ئاۋسترالىيە قىتئەسىدىكى Middle Island ئارالىدا تىنچ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، لېكىن قىزىل تۈلكىنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارامى بۇزۇلغان.
قۇمسىمان لاتقىنىڭ تىنىشى ھەمدە دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئارال قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان ۋاقىتتا، قىزىل تۈلكە بۇ ئارالغا كەلگەن ھەمدە كۆك پىنگۋىننى ئوۋلاشقا باشلىغان.
ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ ئارالدىكى كۆك پىنگۋىننىڭ سانى 800گە يېتىدىغان بولۇپ، 2005-يىلىغا كەلگەندە، پۈتكۈل ئارالدا پەقەت تۆت دانە پىنگۋىنلا قالغان.
كىشىلەر ئىلاجىسىز قالغان ۋاقىتتا، ئارالغا يېقىن ئەتراپتىكى بىر توخۇ فېرمىسىنىڭ غوجايىنى پادىچى ئىت بىلەن كۆك پىنگۋىنلارنى قوغداش ئۇسۇلىنى ئويلاپ تاپقان.
كۆپ يىللاردىن بىرى، قىزىل تۈلكە ئۇنىڭ ئەڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ھايۋان بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ باققان توخۇلىرى ئىزچىل ئۇلارنىڭ «قەست» قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن.
ئۇ ئىلگىرى ئوۋ مىلتىقى بىلەن تۈلكىلەرگە تاقابىل تۇرغان بولۇپ، كېيىن بىر قانچە دانە پادىچى ئىت بېقىۋېلىپ توخۇلىرىنى قوغدىغان ۋاقىتتا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان، قىزىل تۈلكىلەر شۇنىڭدىن باشلاپ توخۇلارغا يېقىن كېلەلمىگەن.
شۇنىڭ بىلەن 2006-يىلى، ئۇ ئودبال ئىسىملىك بىر پادىچى ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ ئارالغا كەلگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئودبال ئىزچىل بۇ ئارالدا تۇرۇپ قالغان ھەمدە كىچىك كۆك پىنگۋىنلارنى قوغداشنى باشلىغان.
ئودبال بىلەن كۆك پىنگۋىنلار ناھايىتى ئىناق بولۇپ، ئودبال كەلگەندىن كېيىنكى ئون نەچچە يىل ئىچىدە، بىرمۇ كۆك پىنگۋىن قىزىل تۈلكە سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتمىگەن.
قىزىل تۈلكىلەر ئودبالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان، ھىدىنى پۇرىغان ھامان، ئۆزلۈكىدىن چېكىنىدىغان بولغان.
ئودبالنىڭ كۆپ يىل قوغدىشى ئاستىدا، ئارالدىكى كۆك پىنگۋىنلارنىڭ سانى 200گە يەتتى.
ھازىر، ئودبال ئاللىقاچان پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، ئارالنىڭ قوغدىغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى تولا ۋە ئېدىي ئىسىملىك ئىككى ئىت ئۈستىگە ئالغان، ئۇلار پىنگۋىنلارنىڭ كۆپىيىش مەزگىلىدە ئارالغا بېرىپ، يېرىم يىل ئۇلارنى قوغدايدۇ.
لېكىن، بۇ ئىككى پادىچى ئىتمۇ بارغانسېرى قىرىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، پېنسىيەگە چىقىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە، ئارال يەنە يېڭى قوغدىغۇچىلارغا موھتاج.
پادىچى ئىت سېتىۋېلىش ۋە مەشىقلەندۈرۈشكە نۇرغۇن چىقىم كېتىدىغان بولۇپ، پادىچى ئىت ئارقىلىق ئارالنى قوغداش پىلانى ئىزچىل يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشمىگەن، ھەممىسى پەقەت ھەرخىل ئىئانىلەر ئارقىلىق بولغان.
بۇ يىل 9-ئايدا، ئودبالنىڭ كۆك پىنگۋىنلارنى قۇتقۇزغانلىق ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن كىنو سۈرەتكە ئېلىنىپ، ئاۋسترالىيە قىتئەسىدە قويۇلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved