باۋدىڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىسى خېبىي ئۆلكىسى باۋدىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئەرز سۇنغان جاۋابكار ۋېي پېڭيۈەننىڭ پارخورلۇق، غايەت زور مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق دېلوسىغا 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئوچۇق سوت ئاچتى، ۋېي پېڭيۈەننىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەدىكىلەر بولۇپ جەمئىي 80 دىن ئارتۇق ئادەم سوتنى ياندىن ئاڭلىدى.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۈ جىنخۈينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋېي پېڭيۈەننىڭ ئۆيىنى تەكشۈرگەندە 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل بايقالغان بولۇپ، بۇ دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان تەپتىش تارماقلىرى بىرلا قېتىمدا قولغا چۈشۈرگەن نەق پۇل سوممىسى ئەڭ كۆپ دېلو بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved