600 يىل بۇرۇنقى جۇڭگو بىلەن ھىندى ئوكيان ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت

ئىلىم پەن» ژورنىلىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئارخېلوگلىرى كېنىيەنىڭ ماندا ئارىلىدا، قەدىمىي ئاسارە ئەتىقىلەرنى قېزىش جەريانىدا، قەدىمقى جۇڭگودا تارقىلىپ يۈرگەن بىر تال تەڭگە پۇلنى بايقىغان. بۇ تەڭگە 600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، 600 نەچچە يىل بۇرۇنلا جۇڭگونىڭ شەرقى ئافرىقا رايونلىرى بىلەن سودا ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن.


بۇ ماقالىدە كىرىشتۈرۈپ تارقىتىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەڭگىدە «يۇڭلې تۇڭباۋ» دىگەن تۆت تال خەت ھېلىھەم ئوچۇق كۆرۈنۈدىكەن. يۇڭلې توڭباۋ يۇڭلېنىڭ ئالتىنچى يىلى (1408 – يىل) ئوبوروت قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، تاشقى سودا ۋە ئىنئام بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، جېڭخې غەرب ئەللىرىگە بارغاندا بۇ تەڭگىدىن نۇرغۇن ئالغاچ بارغان ئىكەن.


«ئىلىم پەن» ژورنىلىدا مۇنداق خەۋەر قىلىندى، ئېلىروي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ئارخېلوگ سلون ۋىليامس ۋە فيېلد مۇزېيىدىن كەلگەن تەتقىقاتچى كۇسىمبا كېنىيەنىڭ ماندا ئارىلىدا بۇ قەدىمىي تەڭگىنى بايقىغان. باھالاش ئارقىلىق، بۇ قەدىمىي تەڭگىنىڭ مىس ۋە كۈمۈش ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن قۇيۇلغانلىقى، ئوتتۇرىدا بىر تۆت چاسا تۆشۈكچە بارلىقى، ئازراق ئۇپراپ كەتكەنلىكى دەلىللەندى. بۇ تەڭگە پۇل مىلادىيە 1403 – 1425 – يىل ئارىلىقىدا ياسالغان بولۇپ، ھازىر 600 يىللىق تارىخقا ئىگە .


كۇسىمبا مۇنداق دىدى: «بۇ قەدىمىي تەڭگىنىڭ بايقىلىشى جۇڭگونىڭ سودا كېمىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ». ئۇ مۇنداق دىدى: «بۇ بايقاش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، جېڭخېنىڭ غەرب ئەللىرىگە بېرىش سەپىرىدە شەرقىي ئافرىقىدىن ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ». ئۇ تولۇقلاپ مۇنداق دىدى، بۇ تەتقىقات يەنە بىر قىزىقارلىق مۇنازىرىنى پەيدا قىلدى: 600 يىل بۇرۇنقى جۇڭگو بىلەن ھىندى ئوكيان ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق مۇناسىۋەت بار بولغىيتتى



خەتكۈچلەر:
29-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرى لىجىن ناھىيىلىك ئارخىپ ئىدارىسى بەش پارچە يەر-زېمىن سېتىش-سېتىۋېلىش توختىمى  ۋە بىر پارچە يەر-زېمىن ئىسپاتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋاقتى  ئەڭ بۇرۇن    بولغان توختام ...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    سۈرەتتە: 1991- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، باكۇدىكى بىر پۇقرا رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ ئىنقىلابىي داھىيسى لېنىننىڭ سۈرىتىنى پالتا بىلەن چاناۋاتىدۇ.    1991- يلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، سوۋېت...
24-05-2016
    لېنىنگرادنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۇرۇشى بولسا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىست گېرمانىيەسى لېنىنگراد ( ھازىر سانكىت پېتىربورگ دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان ھەربىي ھەرىكەت. مۇھاسىرىگە ئېلىش 1941-يىلى9-ئاين...
24-05-2016
    ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى جۇڭگونىڭلا ئەمەس ،بەلىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭمۇ كۆپلىگەن بايلىقى تالان -تاراج قىلىنغان ،بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ تالان -تاراج قىلىنغان بايلىقى ھەممىدىن كۆپ ھەم بۇيۇملارنى...
23-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 22-ماي، ئېرۇسالېم، ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىر تۈركۈم رەڭلىك تاش جەسەت ساندۇقى قاپقىقىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ب...
12-05-2016
1980-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، سادام ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىران-ئىراق چېگرا مەسىلىسى توغرۇلۇق بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىردى. يىغىندا، ئۇلار بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىرانغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغاشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن...
11-05-2016
    ھىتلېرنىڭ نۇتۇق سۆزلەشنى مەشق قىلىۋاتقان چاغدا تارتىلغان بۇ سۈرەتلەر 1925-يىلى تارتىلغان، ھىتلېر بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن خوفماندىن نېگاتىۋىنى كۆيدۈرۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇ ھىتلېرنىڭ دېگىنىدەك قىلمىغان. بە...
11-05-2016
     بۇ بىر يۈرۈش غەلىتە قىياپەتتىكى ماشىنىلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالىسىز، مەلۇم فانتازىيەلىك ھېكايىمىكىن دەپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە بۇ سۈرەتلەر بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تارتىلغان، بۇ غە...
02-05-2016
 يېقىندا جىڭجۇ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى جىڭجۇ رايونىنىڭ ساۋشياۋ يولى گاۋلۇ كەنتى 7-گۇرۇپپىسى ئەتراپىدىكى سۇمۇرۇغ خارابىلىقىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئىلگىرىكى مەزگىلىگە تەۋە بىر قەبرىنى قازغان. بۇ قەبرە 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە...
29-04-2016
    يېقىندا، مۇخبىرنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى يېقىندا بورتالادىكى 3000 يىل ئىلگىرىكى چوڭ تىپتىكى خارابىلىككە قارىتا قېزىش خىز...
Powered by Leglek