دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 15 – ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 9 – ئايدا مەملىكىتىمىز ئاھالىسىنىڭ ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى (CPI) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.6 ئېشىپ، ئېشىش دەرىجىسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن، بۇ بۇ يىل ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە. مۆلچەر بويىچە ھېسابلىغاندا، 9 – ئايداCPI نىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان %1.6ى ئىچىدە ئۆتكەن يىلقى باھا ئۆرلەشنىڭ ئاخىرقى ئامىلى 0.3 پىرسەنت پوئېنت، يېڭى باھا ئۆرلەش ئامىلى 1.3 پىرسەنت پوئېنت بولغان. ئالدىنقى توققۇز ئايدىكى ئوتتۇرىچە CPI ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %2.1 ئاشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved